Chinese→Uyghur主要词典
乌拉尔图
دۇنيا تارىخى
ئۇرارتۇ
ۋان كۆلى پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى قەدىمىي دۆلەت. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا پادىشاھ ساردۇرى ۋان كۆلى ئەتراپىدىكى يەرلەرنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، دۆلەت قۇرغان. تۇشپانى ئۆزىگە پايتەخت قىلغان (بۈگۈنكى تۈركىيىنىڭ ۋان شەھىرى). ئارگىشتىش Ⅰ تەختتىكى مەزگىلدە (تەخمىنەن مىلادىدىن 781 - 760 يىل ئىلگىرىكى يىللار) كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ، ئاسسۇرىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، كۆپلىگەن قۇرغان، ئىبادەتخانا ۋە سۇ ئىنشائاتلىرى قۇرۇلۇشلىرىنى ياساتقان ھەمدە ئۆز پائالىيىتىنى تۇشپانىڭ يېنىدىكى قىيا تاشقا ئويۇپ قالدۇرغان (خوخول يىلنامىسى). مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى سارگون Ⅱ نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. پادىشاھ روسا Ⅰ مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. پادىشاھ ئوردىسى ۋە ئىلاھىي ئىبادەتخانىدىكى نۇرغۇنلىغان ئالتۇن - كۈمۈشلەر بۇلاپ كېتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پادىشاھلىق قايتىدىن گۈللىنىپ ئاسسۇرىيە بىلەن تىنچلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھېتىتلار ۋە مېدىيالىقلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان. ئۇرارتۇنىڭ مەدەنىيىتى ئىككى دەريا ۋادىسى رايونىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، مىخ يېزىق ئىشلەتكەن. بىناكارلىق، ئويمىچىلىق ھەمدە مىس ھۈنەر سانائىتى جەھەتتە خېلى نامى چىققان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
wū lā ěr tú
ئۇرارتۇ