Chinese→Uyghur主要词典
五家作统法
دۇنيا تارىخى
بەش تۈتۈننى بىرلىك قىلىش ئۇسۇلى
چاۋشىيەن لى خانلىقى دەۋرىدە خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىكى يەرلىك تۈزۈم، 1407-يىلى(تەيزۇڭنىڭ 7-يىلى) قوشنىلار كېپىللىك قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، كېيىن بەش تۈتۈننى بىرلىك قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىپ<دۆلەت باشقۇرۇش قانۇنلىرى>غا كىرگۈزۈلگەن، ئۇنىڭدا بەش تۈتۈن بىرلىك قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېشى چوڭ، مەرتىۋىسى يۇقىرىلار بىرلىك باشلىقى قىلىنىپ، بەش تۈتۈنگە باشچىلىق قىلغان. بەش بىرلىك بىر مەھەللە قىلىنغان. ئۇنىڭغا مەھەللە باشلىقى تۇرغۇزۇلغان. ئۇلار يەنە كىچىك مەھەللە، ئوتتۇرا مەھەللە، چوڭ مەھەللە دەپ ئايرىلىپ، چوڭ مەھەللىدە 30 بىرلىك بولغان، بىرقانچە مەھەللە بىر يېزا قىلىنىپ، يېزا باشلىقى تۇرغۇزولغان. مەھەللە، يېزا باشلىقلىرىمۇ شۇيەردىكى پۇقرالاردىن سايلانغان، جايلاردىكى خەلق بۇ چارىدىن بىردەك نەپرەتلەنگەن، رىنچىن ۋەتەن ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. كېيىن كۆپ قېتىم قايتا يولغا قويۇش پىكرىدە بولغان. 1676-يىلى (سوزۇڭنىڭ دەسلەپكى يىلى) 21 ماددىلىق <بەش تۈتۈننى بىرلىك قىلىش پروگراممىسى>ئېلان قىلىنىپ، قوشنىلار كېپىللىك قىلىش، بىللە جازاغا تارتىلىش ئۇسۇلى كۈچەيتىلگەن. بارلىق ئاھالىلەر بىرلىك تاختىسىغا خاتىرلىنىپ قاتتىق تىزگىنلەنگەن، سىرتقا كۆچۈش، يۆتكىلىپ كىرىشلەر بىردەك بىرلىك ۋە مەھەللىلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش؛ خائىن، ئوغرى، سالاھىيىتى ئېنىقسىزلارنى پاش قىلىش، ئۇنداق قىلمايدىكەن، بىرلىك مەھەللىدىكىلەر بىللە جازاغا تارتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ئۇسۇل لى خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە سوزۇلۇپ كەلگەن.