Chinese→Uyghur主要词典
乌加里特
دۇنيا تارىخى
ئۇگارىت
قەدىمكى فېنكىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھىرى. ئورونت دەرياسى ئېغىزىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدەمەھەللىلەر بارلىققا كەلگەن (خۇررىتىسلار بولسا كېرەك)، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئالدى - كەينىدە قۇللۇق تۈزۈمىدىكى شەھەر دۆلەتلىرى شەكىللىنىشكە باشلىغان. سېپروس، ئېگېي دېڭىز ئاراللىرى ھەمدە مىسىر، بابىلون قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن قويۇق سودا ئالاقىسى بولغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى ⅣⅩ ئەسىردە ھىتتلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 1200 يىل ئىلگىرىكى يىللىرى <دېڭىز ئۈستىدىكى مىللەت> نىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. ئۆز ۋاقتىدا فېنكيىنىڭ مۇھىم پورتى بولۇپ، قول سانائەت ۋە سودا خېلى تەرەققىي قىلغان. ئاھالىلىرى دېڭىز قاتنىشى ۋە مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن سىپروس ۋە ئېگېي دېڭىز ئاراللىرىغىچە يېتىپ بارغان. 1929 - يىلدىن باشلاپ ئۇنىڭ خارابىسى (بۈگۈنكى سۈرىيىدىكى شامرا) ئارخېئولوگىك قېزىش ئارقىلىق ئوردا، ئىبادەتخانا قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ۋە كۆپلىگەن مىخ يېزىق، لاي مەتبەئە ئارخىپ ئىسكىلاتى قاتارلىقلار قېزىپ چىقىلغان. بۇ يادىكارلىقلار قەدىمكى فېنكىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
wū jiā lǐ tè
ئۇگارىت