Chinese→Uyghur主要词典
乌尔第三王朝
دۇنيا تارىخى
ئۇر ئۈچىنچى خاندانلىقى
مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سومېرلارنىڭ ئۇرنى مەركەز قىلغان خاندانلىقى (تەخمىنەن مىلادىدىن 2113 - 2006 يىل ئىلگىرىكى يىللار). ئۇرناممۇ قۇرغان. ئوغلى شۇلگى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە دۆلىتى كۈچىيىپ، زوراۋانلىق كۈچى غەربتە سۈرىيىگىچە، شىمالىي ۋە غەربىي شىمالى ئاسسۇرىيە ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىغىچە، شەرقىي جەنۇبى ئېلامغىچە يېتىپ بارغان. خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدا برونزا قوراللارنى ئىشلىتىش ئومۇملاشقان بولۇپ، خۇسۇسىي ئىگىلىكمۇ خېلى تەرەققىي قىلىپ، يۈزلىگەن قۇلغا ئىگە ئۇستىخانىلار بارلىققا كەلگەن. پادىشاھ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە، ھۆكۈمەت ۋە قانۇنىي ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى جاھان پادىشاھى دەۋالغان شۇنداقلا <ئىلاھ> دەپ قارالغان. ئاخىرقى پادىشاھ ئىبسىن دەۋرىگە كەلگەندە ئىچكى - تاشقى جەھەتلەردىن قىيىنچىلىققا يولۇققان. غەربىي شىمالدىكى ئامورىلار تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، ئېلاملارمۇ ھۇجۇم قىلغان، ئىبسىن ئەسىر چۈشۈپ، ئۇر شەھىرىمۇ خارابىيلىققا ئايلانغان. ئۇر ئۈچىنچى خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىقى قىلغان دەۋر سۇمېرلارنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن (مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلگە قەدەم قويغاندا) سۇمېرلار ئاستا - ئاستا مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ چىققان.