Chinese→Uyghur主要词典
问屋
دۇنيا تارىخى
ساراي
ياپونىيە سودا سارايلىرى، يەنى، ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدىن شىرىنكانە ئېلىپ، سودىنى كېلىشتۇرىدىغان سودا ئورگىنى. ساقلاپ بېرىش سارىيى، يەنى مال سارىيى؛ قوبۇل قىلىش سارىيى، يەنى مال ئېلىش سارىيى بار. يەنە ھەر خىل ماللار بىلەن تىجارەت قىلىشتىن تەرەققىي قىلىپ مەخسۇس سارايغا ئايلانغانلىرى، ئالايلۇق ئاشلىق سارىيى، ماي سارىيى بار. بۇلاردىن باشقا پىششىقلاپ ئىشلەش سارايلىرىمۇ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۇستىخانا قول سانائىتى خاراكتىرىمۇ بار. چوڭ شەھەرلەردە سارايلارنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى، ئالايلۇق، ئوساكادا 24 گۇرۇپپا ساراي،ئىدۇدا 10 گۇرۇپپا ساراي بار. بۇ سودا ئورگانلىرى ئىدو دەۋرىدىكى باكو شوگناتى ۋاسساللىقى تۈزۈلمىسى شارائىتىدا تاۋارلارنى توپلاش - تارقىتىش رولىنى ئويناپ، ئوبوروتقا پايدىلىق بولغان، لېكىن بەزى سارايلار باكوشوگناتى ياكى ۋاسسال بەرگەن ئىمتىيازىغا تايىنىپ، مال باھاسىنى خالىغانچە بەلگىلەپ،بازارنى مونوپول قىلىۋالغان. تېمپو ئىسلاھاتى مەزگىلىدە مەنئى قىلىنغان. كېيىن 1851 - يىلى (كائېئىنىڭ 4 - يىلى) ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىن كېيىن، فېئوداللىق ئمتىياز يوقالغانلىقتىن، سارامويلارمۇ بارا - بارا ئاجىزلىشىپ كەتكەن.