Chinese→Uyghur主要词典
文明时代
دۇنيا تارىخى
مەدەنىيەت دەۋرى
ئامېرىكا ئانتروپولوگى مورگان ئىنسانىيە جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلغان ئۈچىنچى دەۋرگە كىرەەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يېزىق كەشپ قىلىنىپ ۋە ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن تارتىپ يېقىنقى زامانغىچە بولغان دەۋرنى مەدەنىيەت دەۋرى دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يەنە قەدىمكى مەدەنىيەت دەۋرى ۋە يېقىنقى زامان مەدەنىيەت دەۋرى دەپ ئىككى باسقۇچىغا ئايرىلغان. قەدىمكى مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە بەلگىلىرى: شەھەلەر، سودا - سېتىق، ئاددىي ماشىنىلار، كلاسسىك سەنئەت ئىلىم - پەن بارلىققا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرەە تېررىتورىيە ھەمدە مال - مۈلۈكنى ئاساس قىلغان دۆلەت. ئىمپېرىيە، پادىشاھلىق، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى، ئاقسۆڭەكلەر جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى قاتارلىق سىياسىي ھاكىمىيەت شەكلى، شۇنىڭدەك ئارمىيە ۋە خرىستىئان دىنى قاتارلىقلاr بارلىققا كەلگەن. يېقىنقى زامان ئىمتىيازلىق سىنىپ ھەمدە خەلقئارا قانۇن، يازما قانۇن قاتارلىقلار بارلىققا كەلگەن. ئېنگېلس <ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىش> دېگەن ئەسىرىدە مەدەنىيەت دەۋرى دېگەن ئۇقۇمنى داۋاملىق قوللانغان، بەلكى ماتېرىيالىستىك دۇنيا قاراشنى تەتبىقلىغان ھالدا يەكۈنلەپ، مەدەنىيەت دەۋرى جەمئىيەتنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ ئىش تەقسىماتىدا باشلانغان، ئىشلەپچىقىرىشتا ئىنسانلار تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىششىقلاشنى ئۆگىنىۋالغان دەۋر، ھەقىقىي سانائەت ۋە سەنئەت دەۋرى ھەمدە تۆۋەندىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، يەنى: مېتال پۇل بارلىققا كېلىش بىلەن پۇل كاپىتالى، ئۆسۈم ۋە جازانىخورلۇق بارلىققا كەلگەن، ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئارىسىدىكى ۋاسىتىچى سودىگەرلەر سىنىپى ھەمدە شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى بارلىققا كەلگەن؛ يەرگە شەخسەلر ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە رەنىگە قويۇش تۈزۈمى بارلىققا كەلگەن، ھۆكۈمرانلىق ئورۇندىكى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بولغان قۇل ئەمگىكى بارلىققا كەلگەن؛ يەرگە شەخسلەر ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە رەنىگە قويۇش تۈزۈمى بارلىققا كەلگەن، ھۆكۈمرانلىق ئورۇندىكى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بولغان قۇل ئەمگىكى بارلىققا كەلگەن؛ ئاتىلىق تۈزۈمىنى مەركەز قىلغان بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىدىكى ئائىلە ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ بىرلىك بولغان؛ سىنىپىي ھۆكۈمرانلىق بولغان دۆلەت مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى بولغان دەپ كۆرسەتكەنىدى. مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ ئاساسى، بىر سىنىپ يەنە بىر سىنىپنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت. مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ ئۈچ چوڭ مەزگىلى ھەمدە ئۇنىڭغا خاس بولغان ئۈچ چوڭ قۇل قىلىش شەكلى؛ قەدىمكى دەۋردىكى قۇللۇق تۈزۈم، ئوتتۇرا قەدىمكى يانچىلىق تۈزۈمى ۋە يېقىنقى زاماندىكى ئەمگەك كۈچى ياللاش تۈزۈمىدىن ئىبارەت.
ئىستېتىكا
wén míng shí dài
مەدەنىيلىك دەۋرى، مەرىپەت دەۋرىDتارىخ
wén míng shí dài
مەدەنىيەت دەۋرى