Chinese→Uyghur主要词典
伪伊西多尔教令集
دىن
wěi yī xī duō ěr jiào lìng jí
基
خىرىستيان دىنى
ساختا ئىسىدور دېكرېتلىرى، ساختا ئىسىدور پەرمانلىرى
دۇنيا تارىخى
ساختا ئىسىدۇر دىنىي ئەمىر - پەرمانلار توپلىمى
كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرى توپلىمى، مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا فرانسىيىدە مەيدانغا كەلگەن. تۈزگۈچىنىڭ تەخەللۇسى ئىسىدۇر مېركاتور. دىنىي ئەمىر - پەرمان، پاپانىڭ خەت - چەكلىرى، چېركاۋ قارارلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسىي مەزمونى پاپانىڭ چېركاۋ ئىشلىرىغا نىسبەتەن ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھوقۇقى بارلىقى ۋە مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتلەردىن مۇستەقىل تۇرىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت. ئوتتۇرا ئەسىردە دائىم پاپا تەرىپىدىن دەھرىي پادىشاھلار بىلەن ھوقۇق تالىشىشنىڭ ئاساسى قىلىنغان. ⅥⅩ - ⅦⅩ ئەسىرلەردەئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشى ئارقىلىق بۇ ھۆججەتنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.