Chinese→Uyghur主要词典
威斯敏斯特法
دۇنيا تارىخى
ۋېستمىنىستېر قانۇنى
ئەنگلىيە پارلامېنتى 1931 - يىلى تۈزگەن ئەنگلىيە ئىتتىپاقى ئاساسىي نىزامى. بۇنىڭدا: ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى دومىنىئونلاردىن كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى، ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭدەك نېۋفوندلاند قاتارلىقلار بېرىتانىيە بىلەن قوشۇلۇپ ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ دومىنىئونلار <مۇستەقىل ۋە باراۋەرلىككە ئىگە> ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولۇپ، بىردەك ئەنگلىيە كورۇلىنى دۆلەت باشلىقى ھېسابلايدۇ؛ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت پارلامېنتى بىلەن ئىمپېرىيە پارلامېنتى تەڭ باراۋەر بولۇپ، ئىمپېرىيە قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ تەلىپى ۋە ماقۇللۇقى بولماي تۇرۇپ ئىمپېرىيە پارلامېنتى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتكە قانۇن بېكىتىپ بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت دىپلوماتىيە ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ، نېۋفوندلاندتىن باشقىلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىتتىپاق ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دىپلوماتىيە ئۆمەكلىرى بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.