Chinese→Uyghur主要词典
威士忌酒事件
دۇنيا تارىخى
ۋىسكى ھارىقى ۋەقەسى
ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھاراق بېجى يىغىشىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1791 - يىلى مالىيە مىنىستىرى خامىلتون ھاراق بېجى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. لېكىن قانۇن پېنسىلۋانىيەم، ۋېرگىنىيە ۋە شىمالىي كارولىنا قاتارلىق شتاتلاردىكى دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەن، ھاراق بېجى ھەتتا ھاراق باھاسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا يەتكەن. 1794 - يىلى پېنسلۋانىيىنىڭ غەربىي چېگرىسىدىكى ۋىسكى ھارىقى ئىشلەپ چىقارغۇچى 200 دىن ئارتۇق دېھقان داۋىد برادفوردنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، قوزغىلاڭچىلار ئەھدىنامە تۈزۈپ، ھاراق بېجى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان؛ ھاراق باجگىرلىرىنى قاتتىق ئۇرغان. 9 - ئايغا كەلگەندە ھۆكۈمەت خامىلتوننىڭ باشچىلىقىدا قوشنا تۆت شتاتنىڭ 10 مىڭدىن ئوشۇق خەلق ئەسكىرىنى توپلاپ، قوزغىلاڭنى باستۇرغان.