Chinese→Uyghur主要词典
未日审判书
دۇنيا تارىخى
قىيامەتلىك ھۆكۈمنامە
<ئەڭ ئاخىرقى باج قوللانمىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1068 - يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ۋېليام (ئىستېلاچى)نىڭ بويرۇقى بىلەن تۈزۈپ چىقىلغان مەملىكەت بويىچە يەر - زېمىننى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قوللانمىسى. يەر بېجى ۋە بېقىندى دۆلەتلەرنىڭ كورۇل ئۆتەيدىغان فېئودال مەجبورىيەتلىرىنى بېكىتىشنى مەقسەت قىلغان، تەكشۈرۈش مەزمونى كورۇل ۋە فېئودال تۆرىلەرنىڭ يەر - زېمىننى ئىگىلەش ئەھۋالى، ھەربىر قورۇقنىڭ كۆلىمى، چارۋا ۋە قورال - سايمانلارنىڭ مىقدارى ھەمدە ھەر خىل تىپتىكى دېھقانلارنىڭ سانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تەكشۈرۈش ۋاقتىدا، ئەمەلدار زورلۇق زۇمبۇلۇق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئەركىن دېھقانلار يانچى قىلىۋېتىلگەن، تەكشۈرۈش خەلققە نىسبەتەن خۇددى چېركاۋنىڭ ئېيتقىنىدەك <قىيامەتلىك ھۆكۈم> گە ئوخشاپ قالغان، شۇڭلاشقا <قىيامەتلىك ھۆكۈمنامە> دەپ ئاتالغان. 1087 - يىلى تەكشۈرۈش دوكلاتى رەتلىنىپ قوللانما قىلىپ تۈزۈلۈپ، ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان. بىرىنچى قىسمىغا ئەنگلىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى كىرگۈزۈلگەن، ئىككىنچى قىسىمىغا شەرقىي سەكىس، نورفولىك ۋە ساففولىكتىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنى تەكشۈرۈش دوكلاتى كىرگۈزۈلگەن. <قىيامەتلىك ھۆكۈمنامە> Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ، ھازىر لوندون ئارخىپخانىسىدا ساقلانماقتا.