Chinese→Uyghur主要词典
威廉斯
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
威廉斯〈比、荷〉
wēi lián sī
ۋىللېمس
دىن
wēi lián sī
基
خىرىستيان دىنى
گېئورگې ۋىللىئامس، ۋىللىئامس
دۇنيا تارىخى
ۋىليامىس
(1) ۋاسلې روبېرتوۋىچ ۋىليامىس (1863 - 1939) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تۇپراقشۇناس. موسكۋادىكى قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسى ئامېرىكىلىق. پېتىروۋ دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1894 - يىلى مەزكۇر شۆيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن موسكۋا تىمىريازېۋ يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 1928 - يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ۋىليامىس <تۇپراقنىڭ بىر تۇتاش شەكىللىنىش تەلىماتى> نى ياراتقان. شۇنىڭدەك تۇپراق تۈزۈلمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تەتقىق قىلىپ، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئۇسۇل - چارىلەرنى ۋە نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن <ئوت - چوپ بىلەن زىرائەتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش تۈزۈمى> نى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ <تۇپراقشۇناسلىق - زىرائەتشۇناسلىق ھەمدە تۇپراقشۇناسلىق پرىنسىپلىرى> قاتارلىق كىتابلىرى بار. (2) ئېرىس ئېئۇستاس ۋىللىيامىس (1911 - 1198). ترىنىداد ۋە توباگونىڭ زۇڭلىسى (1962 - 1981) ھەم تارىخشۇناس. پوچتا ئىدارىسى خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئافرىقا نىگېرلىرىنىڭ ئەۋلادى. ئەنگلىيە ئوكسىفورد داشۆسىدە تارىخ ۋە سىياسەت ئوقۇپ، پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1939 - يىلى ئامېرىكا خوۋارد داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1948 - 1955 - يىللىرى كارىب تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 1956 - يىلى خەلق مىللىي ھەرىكىتى پارتىيىسىنى قۇرۇپ ئۇنىڭ رەھبىرى بولغان. شۇ يىلى ترىنىداد ۋە توباگو ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1959 - يىلى زۇڭلى، قوشۇمچە مالىيە، پىلان ۋە تەرەققىيات مىنىستىرى بولغان. 1962 - يىلى دۆلەت مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولۇپ ئىشلىگەن. كارىب رايونى بىلەن غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىنىڭ تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ <كاپىتالىزم ۋە قۇللۇق تۈزۈم>، <كولۇمبۇدىن كاستروغىچە: كارىب رايونىنىڭ تارىخى (1492 - 1969)>، <ترىنىداد ۋە توباگو خەلقى تارىخى> ۋە <كۆڭۈل تەشنالىقى: بىر زۇڭلىنىڭ تەربىيىلىنىشى> قاتارلىق كىتابلىرى بار.