Chinese→Uyghur主要词典
威廉.休斯
دۇنيا تارىخى
ۋىليام خۇگېس
(1864 - 1952) ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭلىسى (1915 - 1923). لوندوندا تۇغۇلغان. لوندون سان - سېفىن شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1884 - يىلى ئاۋسترالىيە قىتئەسىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1894 - يىلى ليېبورىستلار پارتىيىسىنىڭ نامزارى سۈپىتىدە سىياسىي ساھەگە كىرگەن. لبورىستلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، باش تەپتىش ئەمەلدارى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1914 - يىلى ئۇرۇش ۋاقتىدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش قانۇن لايىھىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1916 - يىلى ئەسكەر قوبۇل قىلىش تۈزۈمى مەسىلىسىدە ليېبورىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولغان. 1917 - يىلى خۇگېس باشچىلىقىدىكى ليېبورىستلار پارتىيىسى گۇرۇھى ليېبورىستلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ خەلق پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن. خۇگېس پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى بولغان. شۇ يىلقى چوڭ سايلامدا خەلق پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكىل بولۇپ پارىژ تىنچلىق يىغىنىغا قاتناشقان، <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. يىغىن مەزگىلىدە ئاۋسترالىيىنىڭ ئاۋسترالىيە قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارغا بولغان ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە كۆچمەنلەرگە بولغان سىياسەتتە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بولىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان. ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ قارشى تۇرغانلىقتىن زۇڭلىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. كېيىن يېڭى پارتىيە قۇرماقچى بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىمىغان. ئاخىر ئاۋسترالىيە بىرلىككە كەلگەن پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1945 - يىلى لېبرالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ئۇنىڭ <بۈيۈك قېدېرىش > قاتارلىق كىتابلىرى بار.