Chinese→Uyghur主要词典
维科
دۇنيا تارىخى
ۋىكو
(1668 - 1774). ئىتالىيىنىڭ ئىدېئالىزملىق تارىخ پەيلاسوپى. نېئاپول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇ بىلىم بىلەن ھەرىكەتنىڭ زىچ باغلىنىشلىق بولىدىغانلىقى، ھەرىكەت بولغاندىلا ئاندىن بىلىم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، <ماھىيەتلىك نەرسە ياساپ چىقىلغان نەرسىدۇر> دېگەن. ئادەم تارىخنى يارىتىدۇ، شۇڭلاشقا تارىخنى توغرا بىلىپ، تارىخنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تېپىپ، ئۇنى <يېڭى پەن> گە ئايلاندۇرالايدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىن تۇرمۇش شەكلى، ئۆرپ - ئادەت، ئىجتىمائىي سىياسىي تۈزۈمنى تارىخىي سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى شەرھلىگەن ھەمدە مۇشۇ ئاساستا تارىخىي ئايلىنىش پەلسەپىسىنى بەرپا قىلغان. ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئىپتىدائىي ياۋايىلىق دەۋرى (ئۇ چاغدا تارىخ بولمايدۇ) دىن ئىلاھ دەۋرى (دۆلەت پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنقى دەۋر)، قەھرىمانلار دەۋرى (فېئودال ئاقسۆڭەكلەر دەۋرى) ئارقىلىق ئىنسان تەبىئىتى دەۋرى (خەلق جۇمھۇرىيىتى، <ئىنسانپەرۋەر سۇلالە> ۋە ئەقلىيىلىك دەۋرى) گە بارىدۇ. جەمئىيەت ئەڭ ئالىي باسقۇچقا يەتكەن ھامان، ئۆزلۈكىدىن پارچىلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن يەنە ياۋايىلق دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. بۇنداق دەۋر قىلىپ ئايلىنىش نەزەرىيىسى قەدىمكى يۇنان، رىمنىڭ ئۈمىدسىزلىك ئايلىنىش نەزەرىيىسىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇ ھەربىر يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ئالدىنقى دەۋرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ يەنە ئىستېتىكنى تارىخىي تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرىدىن تەتقىق قىلىپ، <قەھرىمانلار دەۋرى> دە، ئادەملەر ئەسلى تەبىئىتى بويىچە ئېيتقاندا شائىر بولىدۇ. مەسىلەن: گومېر داستانى شۇ دەۋردىكى خەلقنىڭ كوللېكتىپ ئىجادىيىتى بولۇپ، گومېرنى ئۇنىڭ بىردىنبىر ئاپتورى دېيىشكە بولمايدۇ؛ شېئىرىي پائالىيە ئوبرازلىق تەپككۇر پائالىيىتىدۇر، ئەمما <ئاددىي ئادەم> دەۋرىگە بارغاندا، شېئىر پەلسەپەگە ئورۇن بوشىتىدۇ، ئوبرازلىق تەپەككۇر ئابستراكت تەپەككۇرغا ئورۇن بوشىتىدۇ، دەپ قارىغان. ۋىكونىڭ تارىخ پەلسەپىسى يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ⅩⅨ ئەسىردىكى ئىغار مۇتەپەككۇرلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئىگە بولغان ھەمدە ماركسنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى <مىللەتنىڭ ئورتاقلىقى ھەققىدىكى يېڭى ئىلمىي قائىدە> دىن ئىبارەت.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
wéi kē
ۋىكوDئىستېتىكا
wéi kē
ۋىكو (1744 - 1668)، ئىتالىيىلىك قانۇنشۇناس، تارىخ پەيلاسوپى، ئىستېتىكائالىمى.Dئىستېتىكا
wéi kē
ۋىكو (1744 - 1668)، ئىتالىيىلىك قانۇنشۇناس، تارىخ پەيلاسوپى، ئىستېتىكائالىمى.Dئىستېتىكا
wéi kē
ۋىكو (1744 - 1668)، ئىتالىيىلىك قانۇنشۇناس، تارىخ پەيلاسوپى، ئىستېتىكائالىمى.