Chinese→Uyghur主要词典
威尔斯利
دۇنيا تارىخى
ۋېللېسلېي
(1760 - 1842) ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى، ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى (1798 - 1805) ۋېللىڭتوننىڭ ئاكىسى. ئىرلاندىيىنىڭ پايتەختى دوبلىندىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1784 - يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1786 - يىلى مالىيە ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. باش ۋالىي بولغان مەزگىللىردە ھىندىستان شتاتلىرىنى <قوشۇمچە فوند شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبورلىغان. ئۈزۈلۈكسىز تۈردە مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى قوزغاپ، مىسور دۆلىتىنى بويسۇندۇرغان (1799)، ماراتانىڭ خان - بەگلىرىنى ئوتتۇرا ھىندىستاننىڭ چوڭ بىر پارچە يېرىنى كېسىپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، كارناتىك قاتارلىق شتاتلارنى يۇتۇۋېلىپ، فرانسىيىنىڭ ھىندىستاندىكى كۈچلىرىنى چەتكە قېقىپ، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزغان. 1799 - يىلى ماركىز بولغان. كېيىن ئەنگلىيىنىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى (1808)، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1809 - 1820)، ئىرلاندىيىنىڭ باش ۋالىيسى (1821 ) 2818، 1833 - 1834( ۋە ئوردا ۋەزىرى )1835( قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان.