Chinese→Uyghur主要词典
威尔夫家族
دۇنيا تارىخى
ۋېلف جەمەتى
گېرمانىيىدىكى فېئودال جەمەت. 1070 - يىلى مەزكۇر جەمەتتىكى ۋېلف Ⅳ (؟- 1101) مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅳ تەرىپىدىن باۋارىيە كىنەزلىكىگە ئىگە بولغان. ۋېلفنىڭ نەۋرىسى ھېنرى (مەنمەنچى) كورۇل لوتار Ⅱ (ئەسلى ساكسونىيە كىنەزى) نىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان. لوتار ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسى بولمىغانلىقتىن ھېنرى 1137 - يىلى ساكسونىيە كىنەزلىكىگە كىنەز بولۇپ، پادىشاھلىق تەختىگە كۆز تىككەن. گېرمانىيىدىكى بەگ - كىنەزلەر ھېنرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن قورقۇپ، خوخېنىستاۋفېن جەمەتىدىكى كونرادنى كورۇل قىلىپ سايلىغان (1138 - يىلى تەختكە چىققان). 1180 - يىلى فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) ھېنرى (ھاكاۋۇر) نىڭ ئوغلى ھېنرى (شىر) نىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئۇنى گېرمانىيىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. 1198 - يىلى ھېنرى (شىر) نىڭ ئوغلى ئوتتو پاپانىڭ قوللىشى بىلەن پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىپ، ئوتتو Ⅳ دەپ ئاتالغان.