Chinese→Uyghur主要词典
威尔第
دۇنيا تارىخى
ۋېردى
(1813 - 1901) ئىتالىيىلىك كومپوزىتور. يېزىدىكى كىچىك بىر ساراي خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چاغلىرىدا يېزا مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىدىن مۇزىكا ئۆگەنگەن. كېيىن كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن مىلانغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1838 - يىلدىن باشلاپ ئوپېرا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن. 1848 - يىلى ماززىنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشا <ياڭرات، مارشىڭنى> نى يازغان. 40 - يىللاردىكى <نابۇكو>، <لومباردلار> ۋە <ئونانى> قاتارلىق ئوپېرالىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيە ۋە يات مىللەتنىڭ زۇلمىغا قارشى تۇرۇش روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئىتالىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە مۇستەقىللىك ھەرىكەتلىرىدە رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينىغان. 50 - ۋە 60 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىجاد قىلغان <لىگلېتو>، <ناخشىچى شائىر> ۋە <كامىللىيە قىز> ناملىق ئوپېرالىرىدا ئىتالىيە خەلق قوشاقلىرى ۋە خەلق ئۇسسۇل - مۇزىكىلىرىدىن تاللاپ ئېلىنغان مۇزىكا تىلى ئارقىلىق پېرسۇناژلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى ھەم چىراي - شەكلى جانلىق تەسۋىرلەنگەن. 70 - يىللاردىن 90 - يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئىجاد قىلغان ئوپېرالىرىغا ئىتالىيە ئوپېرا تارىخىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەھمىيىتى بولغان <ئايېدا>، <ئوتېللو> ناملىق ئوپېرالىرى ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ ئوپېرالاردا مۇزىكا جەھەتتە رېچتاتىۋ بىلەن ئارىيە ئارىلاشتۇرۇپ بىر گەۋدە قىلىنغان، نەيلىك - تارىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكىلارنڭ ئۈنۈمى خېلى ئۇتۇقلۇق بولغان. ۋېردىنىڭ 30 پارچىدىن ئوشۇق ئوپېراسىدىن باشقا، يەنە مانزونىنى ئەسلەش يۈزىسىدىن ئىجاد قىلغان <سېغىنىش كۈيى> ھەمدە بىر قانچە ناخشىلىق مۇزىكىلىرى بار.