Chinese→Uyghur主要词典
瓦松
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
قوي كۆزىئوت
بۇ كۆكمارال ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق گۆش ماددىلىق سامان غوللۇق، قوي كۆزىگە
ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تىك ئۆسىدۇ، ئېگىزلىكى 10 - 25 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ ئوق يىلتىزى روشەن، چاچما يىلتىزى كۆپ؛ تۈۋىدىكى
يوپۇرماقلىرى ئۇزۇن سوقىچاق بولۇپ، بىر - بىرىگە زىچ جايلىشىدۇ، غولىدىكى يوپۇرماقلىرى تېمىنە شەكىللىك بولۇپ، غولىدا زىچ ئۆسىدۇ؛
ئومۇمىي گۈل رېتى كۇنۇسسىمان، گۈلى سۇس ھال رەڭلىك ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈزدە يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، قايناۋاتقان سۇغا بىرئاز بېسىپ،
ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ باغرىلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
قان توختىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش، جاراھەتنى قورۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 4 گرامدىن ئىشلىتىلىدۇ.
قوي كۆزىئوتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، 1% لىك ئاش تۇزى سۈيى بىلەن يارا يۇيۇلغاندىن كېيىن، يارىغا سېپىپ بەرسە،
تېرىدىكى جاھىل يارىلار ۋە ئۇزۇن مۇددەت پۈتمىگەن يارا ئېغىزىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قوي كۆزىئوتىنى يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىر قانىشىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
قوي كۆزى ئوتىنى ئېزىپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قان تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قوي كۆزىئوتىنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئورمانچىلىق
wǎ sōng
قوي كۆز ئوتDئۆسۈملۈك
wǎ sōng
قويكۆزئوت، كېيىك ئالمىسىDتېببىي
wǎ sōng
قويكۆز ئوت (كۆكمارال ئائىلىسىدىكى قويكۆز ئوتىنىڭ يەر ئۈستى چۆپ قسىمى )Dئۇنىۋېرسال
wǎ sōng
قويكۆز ئوت