Chinese→Uyghur主要词典
完全变态
تېببىي
wán quán biàn tài
تولۇق ھالەت ئۆزگىرىشDدېھقانچىلىق
wán quán biàn tài
تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىش
بىئولوگىيە
مۇكەممەل ھالەت ئۆزگەرتىش
<تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاشاراتلارنىڭ بىر خىل ھالەت ئۆزگەرتىش شەكلى. يەنى ھاشاراتنىڭ يۇمراق قۇرت ھالىتى، ئۆسۈشى تاماملانغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىشتىن ئىلگىرى چوقۇم <قورچاق> دەۋرىدىن ئۆتۈشى زۆرۈر بولغان بىر ئالاھىدە شەكىلنى كۆرسىتىدۇ. يەنى پۈتۈن جەريان تۇخۇم، لىچىنكا، قورچاق ۋە يېتىلگەن قۇرتتىن ئىبارەت تۆت دەۋردىن ئۆتىدۇ. مۇكەممەل ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشاراتلارنىڭ لىچىنكىسى سىرتقى شەكىل ۋە ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ھەم ياشاش ئادىتى جەھەتتە يېتىلگەن قۇرت بىلەن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ. قورچاق ئوزۇقلانمايدۇ ھەم ھەرىكەتلەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە ئىچكى تۈزۈلۈشى زەربىدارلىق بىلەن ئۆزگىرىۋاتقان دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئەسلىدىكى لىچىنكىنىڭ توقۇلما ئورگانلىرى ئىچكى - تاشقى ئامىللارنىڭ ئۆزئارا رولىنىڭ تەسىرىدە پارچىلىنىپ بۇزۇلىدۇ، يېتىلگەن قۇرتنىڭ ئورگان بىخلىرى بولغان توقۇلمىلارنىڭ دەسلەپكى ئاساسلىرى تەدرىجىي دىففېرېنسىيىلىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ ۋە پۈتۈنلەي يېتىلگەن قۇرت بولۇپ يېتىلىدۇ. قاناتلىقلار كەنجى سىنىپىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكرەك بولغان ھەرقايسى ھاشاراتلار، مەسىلەن، كېپىنەك، پەرۋانە، پاشا، چىۋىن ۋە قوڭغۇز قاتارلىقلارنىڭ ئىندىۋىدلىق تەرەققىياتى مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ.