Chinese→Uyghur主要词典
王政复古
دۇنيا تارىخى
خانلىق ھاكىمىيەتنى يولغا قويۇپ كونىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
ياپونىيە مىيجى ئىسلاھاتى دەۋرىدىكى توكۇگاۋا شوگناتلىقىنى يوقىتىپ، تېننو ھاكىمىيىتىنى تىكلەيدىغان زور سىياسىي ۋەقە. توكۇگاۋا يوشىنو بۇ ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن يەنىلا ھەربىي، سىاسىي ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىۋالغان. شوگناتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئۈزۈل - كېسىل ئاغدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئوكۇبۇ توشمىچى، سائىگو تاكامورى، كىدو تاكايوشى قاتارلىق شوگناتلىقنى ئاغدۇرغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىلىرى بىلەن ئىۋاكۇرا تومومى قاتارلىق ئىسلاھاتچى ۋەزىرلەرنىڭ پىلانلىشى بىلەن، كىيۇتو ئوردىسىدا خانلىق ھاكىمىيەتنى يولغا قويۇپ، كونىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەن، 1868-يىلى 3-يانۋار (كېئويو 3-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى) سەھەردە سامۇ، ناگوسۇ، ئېىزېن، ئەنيى، توسا ۋاسساللىقلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى ئوردا دەرۋازىسىنى قامال قىلىۋالغان، رېفورمىچى شاھزادە، ۋەزىر ۋە ۋاسساللىق خوجىلىرى كەينى - كەينىدىن ئوردىغا كىرىپ تېننونى زىيارەت قىلىۋالغان <خانلىق ھاكىمىيەتنى يولغا قويۇپ كونىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرمانى> جاكارلاشقا يول كۆرسەتكەن ئاساسىي مەزمۇنى: يوشىنوبۇنىڭ ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇشى ۋە سىياگونلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى تەستىقلاش؛ نايىبلىق كامپاكۇ ۋە شوگناتلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش؛ لېدىر، كېلىشتۈرگۈچىلەر، قاتناشقۇچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ ۋەزىپىنى كېلىشتۈرگۈچىلەر، قاتناشقۇچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ ۋەزىپىنى تەسىس قىىشتىن ئىبارەت، شۇ كېچىسى يەنە ئوردىدا ۈئچ ۋەزىپىدىكىلەرنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپ يوشىنوبۇ <ئەمىلىدىن ئىستېپا بېرىپ يەرلىرىنى تاپشۇرۇش> قا بۇيرۇق چىقىرىلغان شۇنىڭ بىلەن توكۇگاۋا شوگناتلىقى ئۈزۈل - كېسىل گۇمران بولۇپ، رېفورمىچىلار ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلغان.