Chinese→Uyghur主要词典
亡伊.亡所伊起义
دۇنيا تارىخى
ۋاڭ يى. ۋاڭ سويىلار قوزغىلىڭى
چاۋشيەن كورىيە خاندانلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى خەلق قوزغىلىڭى. 1176 - يىلى (مىنزۇڭ 6 - يىلى) 1 - ئايدا گۇاڭجۇدىكى مىڭخېسو دېھقانلىرىدىن ۋاڭ يى، ۋاڭ سويىلار دېھقانلارنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گۇاڭجۇنى ئالغان، ۋاڭ يى ھەربىي قوشۇننىڭ قوماندانى بولغان. 3 - ئايدا كېسون (ھازىرقى كەيچىڭ) نىڭ 3000 كىشىلىك خەلق ئەسكىرىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. سەننەن رايونىدىكى دېھقانلار كەينى - كەينىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. مىنزۇڭ ۋە ۋۇچىڭ ھاكىمىيىتى يۇمشاق قوللۇق سىياسەت قوللانغان. 6 - ئايدا مىڭ خېسۇنى جۇڭشۈن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتكەن ھەمدە ئۇنىڭغا ناھىيە ئامبىلى، يامۇل بېگى ئەۋەتكەن. قوزغىلاڭچى قوشۇن بۇنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، گۇاڭجۇنى ئىگىلەپ تۇرۇۋەرگەن. 9 - ئايدا كېسون سەننەنگە پەرمانبەگ ئەۋەتكەن. قوزغىلاڭچى قوشۇن لىسەن ناھىيىسىنى بېسىۋېلىپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى 1 - ئايدا ۋاڭ يى، ۋاڭ سويىلار كەيچېغا بېرىپ تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلغاندا، يالاپ يېزىغا قايتۇرۇلغان. 3 - ئايدا ۋاڭ يى، ۋاڭ سويىلار يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، قوزغىلاڭچى قوشۇن جايېسەنگە تۇيۇقسىز يۈرۈش قىلىپ، خۇاڭلى ناھىيىسى، جېنجۇ، ياشەنلەرگە ھۇجۇم قىلغان، چىڭجو ۋىلايىتىدىكى ناھىيىلەرنى (شۈيى ناھىيىسىدىن باشقا) ئىشغال قىلغان. 7 - ئايدا، ۋاڭ يى، ۋاڭ سويىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن پارچىلانغان.