Chinese→Uyghur主要词典
旺代叛乱
دۇنيا تارىخى
ۋاندېيە توپىلىڭى
ۋاندېيە ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅨⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى فرانسىيىنىڭ ۋاندېيە ۋىلايىتىدە مونارخىستلار قوزغىغان ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ. ۋاندېيە ۋىلايىتى فرانسىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان چېگرا رايون بولۇپ، قاتناش قولايسىز، مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغانىدى. بۇ يەردىكى ئاھالىلەر كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن روھانىيلار دېھقانلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇتراتقان. 1793 - يىل 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئەسكەر ئېلىش پەرمانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دېھقانلار مونارخىستلارنىڭ قۇترىتىشى ئاستىدا 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كەڭ كۆلەمدە توپىلاڭ كۆتۈرگەن، توپىلاڭ غەربىي قىسىمدىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگىچە كېڭىيىپ، ئىنقىلابقا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان، مىللىي ئۇيۇشما بىلەن ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرۇپ، توپىلاڭنى بىر مەزگىل تىنچىتقان. تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ۋاندېىيە توپىلىڭى يەنە كۆتۈرۈلگەن. 1795 - يىلى 2 - 5 - ئايلاردا ئىسسىق ئايچىلار چوڭ كەچۈرۈم قىلىش، ھەربىي مەجبۇرىيەتتىن ئازاد قىلىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويۇش شەرتى ئاستىدا، توپىلاڭچى قوشۇننىڭ باشلىقلىرى بىلەن مۇرەسسە ھاسىل قىلغان. لېكىن شۇ يىلى 6 - ئايدا كىبېرون يېرىم ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋاندېيە رايونىدىكى توپىلاڭ يەنە كۆتۈرۈلگەن. توپىلاڭ جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن توپىلاڭ بىرىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىگىچە ئارىلاپ - ئارىلاپ داۋام قىلغان.