Chinese→Uyghur主要词典
瓦鲁斯
دۇنيا تارىخى
ۋارۇس
(؟ - مىلادى 9) قەدىمكى رىم سەركەردىسى. ئاۋگۇستۇسنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ قىز جىيەنى كلاۋىدىيە پۇلكرانى ئەمرىگە ئالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 7 - 6 يىل ئىلگىرى ئافرىقا ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ، كېيىن سۈرىيىگە ئەلچى بولۇپ بارغان. جەنۇبقا بېرىپ يەھۇدىيلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. رەھىمسىزلىك ۋە ئاچكۆزلۈكى بىلەن نام چىقارغان. كېيىن رېيىن دەرياسى يەرلىك قوشۇنىغا قومدانلىق قىلغان. مىلادى 9 - يىلى گېرمانلار ئارمىنىئۇسنىڭ قوماندانلىقىدا رىمغا قارشى چىققان. ۋارۇس ئۈچ جۈنتۈەننى ۋە بىر مۇنچە ياردەمچى لەشكەرلەرنى ئېلىپ باستۇرۇشقا بارغاندا، رېيىن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تېئۇتوبۇرگ ئورمانلىقىدا پۈتۈن لەشكىرى ھالاك بولغان. ئۇمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان ئاۋگۇستۇس نەچچە كۈنگىچە <ۋارۇس، لەشكەرلىرىمنى قايتۇرۇپ بەر> دەپ ھەسرەت چەككەنىكەن. بۇ ئۇرۇش رىمنىڭ رېيىن دەرياسىنىڭ شەرقىگە قاراپ كېڭىيىشنى توسۇغان.