Chinese→Uyghur主要词典
瓦伦斯基
دۇنيا تارىخى
ۋارىينىسكى
(1856 - 1889) پولشا سوتسىيالىزم ھەرىكىتى ئەربابى. ياش ۋاقتىدا پېتېربۇرگتا ئوقۇۋاتقاندا سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1876 - يىلى ۋارشاۋادا تۇنجى پولشا سوتسىيالىزم ئىنقىلابى گۇرۇپپىسىنى قۇرغان. 1878 - يىلى پولشا سوتسىيالىزمچىلىرى پروگراممىسىنى، يەنى (<بىريۇسسېل پروگراممىسى>) نى تۈزۈپ چىققان، كېيىن مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن. 1879 - يىل كراكوۋتا ئاۋسترىيە دۆلىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغاندا، جەنۋەگە قېچىپ بېرىپ <باراۋەرلىك جەمئىيىتى> نى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1882 - يىلى ۋارشاۋادا مەخپىي پولشا ئىشچىلار ئىنقىلابىي پارتىيىسى - پرولېتارىيات پارتىيىسىنى قۇرغان. 1883 - يىلى چارروسىيە تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 16 يىللىق ئېغىر ئەمگەككە ھۆكۈم قىلىنىپ، جەبىر - جاپادا ئۆلۈپ كەتكەن.