Chinese→Uyghur主要词典
瓦拉几亚公国
دۇنيا تارىخى
ۋاللاخىيە كىنەزلىكى
ⅩⅣ - ⅩⅨئەسىرلەردىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فېئوداللىق كىنەزلىك، قەدىمكى ئاھالىسى ئاساسەن گېتلار ۋە داكىلار ئىدى. مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ئاھالىسى بارا - بارا رىملاشتۇرۇلغان. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا رىم ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلغان. مىلادى Ⅳ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرگىچە، ھونلار ۋە ئاۋارلار بۇ يەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سلاۋىيانلار ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كېلىشكەن. مىلادى Ⅸ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىرگىچە بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. Ⅹ ئەسىردىن ⅩⅡ ئەسىرگىچە ئىلگىرى - كېيىن پېچىنەكلەر ۋە پولوۋسلارلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا موڭغۇللار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋېنگرىيىگە بېقىنغان. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇستەقىل ۋاللاخىيە كىنەزلىكىنى قۇرغان. ⅤⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيە سۇلتانلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ⅩⅥ ئەسىردە پۈتۈنلەي ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋاللاخىيە كىنەزى مىخائى (باتۇر) لەشكەر تارتىپ چىقىپ تۈركلەرگە قارشى تۇرۇپ، رۇمىنىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ۋاللاخىيە، مولدوۋا ۋە ترانسىلۋانىيىنى بىر ھاكىمىيەت ئاستىغا بىرلەشتۈرگەن. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا پارچىلىنىپ كەتكەن. 1859 - يىلى ۋاللاخىيە كىنەزلىكى بىلەن مولدۋا كىنەزلىكى قوشۇلۇپ، بىرلەشمە كىنەزلىك تەشكىل قىلغان. 8611 - يىلى رۇمىنىيە كىنەزلىكى دەپ ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا تۈركىيىگە قارام بولۇپ قېلىۋەرگەن؛ 1877 - يىلى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، رۇمىنىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ چىققان.