Chinese→Uyghur主要词典
瓦尔兰
دۇنيا تارىخى
ۋارلىن
(1839 - 1871) 1871 - يىلدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئەزاسى. سولقانات پرۇدونىزمچى. تۈپلەش ئىشچىلىقىدىن كېلىپ چىققان. 1857 - يىلدىن كېيىن ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنشنى باشلىغان. <تۈپلەش ئىشچىلىرى جەمئىيىتى> نى قۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ ھەيئەتلەر يىغىنىغا سايلانغان. 1865 - يىلنىڭ باشلىرىدا، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال پارىژ ياچېيكىسىنى قۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان، كېيىن سولقانات پرۇدونىزمچىغا ئايلىنىپ كەتكەن. 1868 - يىلى ئىنتېرناتسىئونال پارىژ ياچېيكىسى ئىككىنچى قېتىم سوراق قىلىنغاندا، قاماققا ئېلىنغان. 1870 - يىلى 4 - ئايدا، ئىنتېرناتسىئونال پارىژ ياچېيكىلىرى بىرلەشمىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، بىرلەشمىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، ئۇزاق ئۆتمەي بىريۇسسېلغا قېچىپ كەتكەن، شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن پارىژغا قايتىپ كەلگەن. 1871 - يىلى 7 - ئايدا، خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان؛ 18 - مارت قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ھەمدە كوممۇنا ھەيئەتلىكىگە سايلىنىپ، مالىيە كومىتېتى ۋە ئاشلىق كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى بولغان. <ماي قانلىق ھەپتىسى> جېڭىدە بىر قىسىم رايونلارنىڭ مۇداپىئە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دېلېسكلۇز قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەربىي ئىشلار ۋەكىلى بولغان. 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى قولغا ئېلىنىپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغان.