Chinese→Uyghur主要词典
瓦德西
دۇنيا تارىخى
ۋالدېرس
(1832 - 1904) گېرمانىيە مارشال. پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشى (1866) ۋە پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى (1870) غا قاتناشقان. 1871 - يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىملىق فرانسىيىدە تۇرۇشلق كونسۇل بولغان. 1882 - يىلى مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولغان. 1888 - 1891 - يىللىرى شتاب باشلىقى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە فرانسىيە ۋە روسىيىگە قارشى ئالدىن قول سېلىش ئۇرۇشى ئېلىپ بارماقچى بولغاندا، بىسماركنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1891 - يىلى 9 - جۈنتۇەننىڭ قوماندانلىقىغا يۆتكەلگەن. 1898 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش نازارەتچىسى بولغان. 1900 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشاللىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1900 - 1901 - يىللىرى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، جۇڭگودىكى يىخېتۇەننىڭ جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ۋەھشىيىلىك بىلەن باستۇرغان.