Uyghur主要词典
ۋۇخەندىكى دۇڭخۇ كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
ۋۇخەندىكى دۇڭخۇ كۆلى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ۋۇچاڭ رايونىدا، دۇڭخۇ كۆلى ناھايىتى چوڭ، ئۇنىڭ دەريا شاخاپچىلىرى ئەگرى - توقاي، كۆلنىڭ تەبىئىي مۇھىتىغا ئاساسەن، تىڭتاۋ (شاۋقۇن ئاڭلاش) موشەن (بىلەي تاش تېغى)، لويەن (ياۋا غاز ماكانى)، بەيما (ئاق ئات)، چۈيدى (نەي ئاۋازى)، لۇخۇڭ دېگەندەك مەنزىرىلىك جايلارغا بۆلۈنىدۇ. كۆل بويىدىكى ئېگىز - پەس تاغلار ئىچىدە موشەن تېغى ئەڭ چىرايلىق، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار بۈك - باراقسان بولۇپ، ئەتىيازلىق كەترەن، يازلىق نېلۇپەر، كۈزلۈك گۇيخۇا، قىشلىق مېيخۇا گۈللىرى بەك داڭلىق. مېيخۇا دەرىخىنىڭ70 نەچچە خىل سورتى بولۇپ،100 موغا يېقىن يەرنى ئىگىلەيدۇ. يەنە چۇۋاڭ، چۈي يۇەن، ليۇ بېي، گۇەن يۈ، لى بەي، يۆ فېي قاتارلىق تارىخىي مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قەدىمى تەگكەن جايلارمۇ كۆپ.