Uyghur主要词典
ۋۇ تېگۇڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1886 - 1961) جۇڭگودىكى ئىسلام ئۆلىماسى. ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. جياڭسۇ نەنجىڭلىك، خۇيزۇ. نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كېلىپ، كىچىكىدە خۇسۇسىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 1901 - يىلىدىن 1906 - يىلىغىچە شاڭخەيدىكى نەنياڭ مەكتىپىدە، فۇدەن مەكتىپىدە ئوقۇدى. بۇ جەرياندا جاڭ تەييەن، سەي يۈەنپېيلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، دېموكراتىك ئىنقىلاب توغرىسىدىكى پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ۋەتەنپەرۋەر ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلارنى كۆپ ئوقۇدى. 1906 - يىلىدىن باشلاپ <جۇڭباۋ> گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمانى، مۇخبىرى بولدى. 1909 - يىلى شاڭخەيدىكى مەسچىتلەر مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىككى ئىپتىدائىي مەدرىسە ئاچتى. 1911 - يىلى شاشەنيۈي بىلەن بىرلىكتە شاڭخەي مۇسۇلمانلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى تەشكىلاتى - <شاڭخەي سودىگەر مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى> نى قۇردى، شۇ يىلى 10 - ئايدا ۋۇچاڭ قوزغىلىڭىدىن كېيىن، شاشەنيۈي بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىپ، شاڭخەي، نەنجىڭنى قايتۇرۋېلىش يولىدىكى جەڭلەرگە قاتناشتى ھەمدە قوشۇننىڭ ئارقا سەپ خىزمىتىنى ئىشلىدى. كېيىن ياپونىيىگە زىيارەتكە بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنى كۆرۈپ كەلدى. 1925 - يىلى خا دېچىڭ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە ئىسلام دىنى ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ، ئىسلام ئەقىدىسىنى تەتقىق قىلدى، <قۇرئان كەرىم> نى تەرجىمە قىلدى. ئىسلام تەربىيىسىنى يولغا قويدى. <جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئايلىق ژۇرنىلى> نى نەشر قىلدى. 1933 - يىلى جۇڭگو ئىسلام دىنىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەيئىتى بولدى. 1939 - يىلى <شىڭباۋ> گېزىتىنىڭ مۇۋەققەت باش تەھرىرى بولدى ھەمدە بۇ گېزىتتە <ئىسلام دىنى ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش> قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ جىنايەتلىرىگە زەربە بەردى. ياپونلار ئۇنى تۇتۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئاندىن پىنھان جاي تېپىپ، <قۇرئان كەرىم> نى ۋە تەپسىرنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ، 1941 - يىلى 10 - ئايدا <داۋيىن> نامىدا سۈرە فاتىھەنىڭ ئىزاھاتلىق خەنزۇچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇردى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، شاڭخەيدىكى جىنيەنباۋ گېزىتىنىڭ، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى، تەرجىمانى بولدى. ئازادلىقتىن كېيىن، شەرقىي جۇڭگو مەمۇرىي كومىتېتى مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو مۇسۇلمانلر مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى.