Uyghur←Chinese主要词典
ۋۇدۋورس
پسىخولوگىيە
伍德沃思
wǔ dé wò sī
بۇ ئامېرىكا پسىخولوگى، ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پسىخولوگىيە دوكتورى. ئۇ 1956 - يىلىە ئامېرىكا پسىخولوگىيە فوند جەمئىيىتىنىڭ بىر ئالتۇن مىدالىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭچە، پسىخولوگىيە پسىخىكىنىڭ ۋە فىزىئولوگىيىنىڭ فۇنكسىيىسى ياكى پائالىيىتىنى تەتقىق قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئادەم پسىخىكىسى بىر خىل رېئال جىسىم ياكى كۈچ ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەقىللىق دېيىشكە بولمايدۇ. بىر كىشىنى ناھايىتى ئاقىلانە ھەرىكەت قىلىدۇ، دېيىش كېرەك. ئۇ ئورگانىزمنىڭ شارائىتقا تاقابىل تۇرۇش مۇناسىۋىتىنى تەكىتلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ «تەسىر - ئىنكاس» فورمۇلىسىنى «تەسىر ← ئورگانىزم ← ئىنكاس» قا ئۆزگەرتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «پسىخولوگىيە» بىلەن «ئېكىسپېرمىنتال پسىخولوگىيە» سى بار.