Uyghur←Chinese主要词典
ۋۇچالى شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
乌查利条约
wū chá lì tiáo yuē
ئىتالىيە ئىفىئوپىيىنى ئالداپ مەجبۇرىي ئىمزالاتقان تەڭسىز شەرتنامە. 1889 - يىل 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ۋۇچالى يېزىسىدا تۈزۈلگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامىدە: ئىتالىيە ئېفىئوپىيىگە قورال - ياراق، ئوق - دورا يەتكۈزۈپ بېرىش، مېنېلكېنى ئىفىئوپىيىنىڭ پادىشاھى دەپ ئېتىراپ قىلىش، ئېفىئوپىيە ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى تۈزلەڭ رايونىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش بەلگىلەنگەن. 1890 - يىلى ئىتالىيە شەرتنامىنىڭ مەزمونىنى بۇرمىلاپ، ئۆز ئالدىغا ئېرېترىيىنى مۇستەملىكە، ئېفىئوپىيىنى ھامىيلىقىدىكى دۆلەت دەپ ئېلان قىلغان. 1893 - يىلى ئېفىئوپىيە شەرتنامىنى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلغان. 1895 - يىلى ئىتالىيە ئۇرۇش قوزغاپ، ئىككىنچى يىلى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، شەرتنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، ئېفىئوپىيىنىڭ تامامەن مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبور بولغان.