Uyghur←Chinese主要词典
ۋۇبان
دۇنيا تارىخى
沃邦
wò bāng
(1633 - 1707) فرانسىيە مارشالى. ھەربىي ئىشلار ئىنژېنېرى. كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1651 - يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقان. فۇرۇند ھەرىكىتى داۋامىدا، شاھزادە كوندېنىڭ قىسىملىرىغا قاتنىشىپ، ئوردىغا قارشى چىققان، كېيىن ئەسىرگە ئېلىنغان. 1653 - يىلى مازارىننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، 1655 - يىلى كورۇلنىڭ ھەربىي ئىشلار ئىنژېنېرى بولغان، ئىستىھكام قۇرۇش ۋە شەھەرگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، دۇنكرك، لىللې قاتارلىق جايلاردىكى بىر يۈرۈش ھەربىي قورۇلارنى ئۆزگەرتىپ چىققان ۋە يېڭىدىن ياساپ چىققان، ئېسكۇ دەرياسىدىن تارتىپ مائاس دەرياسى ۋە رېين دەرياسى ئەتراپىدىكى ئىستىھكاملارنى قۇرۇپ چىققان؛ بەزى چوڭراق بولغان پورت ۋە قاناللارنى ياسىغان. لۇئى ⅩⅣ قوزغىغان سىرتقى ئۇرۇشتا، گوللاندىيىگە قاراتقان كۆپ قېتىملىق شەھەرنى قامال قىلىش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغان. 1674 - يىلى كومودورلىققا ئۆستۈرۈلگەن، 1678 - يىلى ھەرقايسى قورۇللارنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان. ئوگىسبۇرگ ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشىدا، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتكەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن ھەمدە مونىس قاتارلىق قورۇللارنى ئېلىپ، زور شۆھرەت قازانغان. 1703 - يىلى مارشاللىققا كۆتۈرۈلگەن، كېيىن لۇئى ⅩⅣ نىڭ باج سىياسىتى بىلەن دىنىي سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، سەت كۆرۈنۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <قورۇلغا ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىئە كۆرۈش توغرىسىدا>، <شەھەر قۇرۇلۇشى ماقالىلىرى توپلىمى>، <ھەربىي ئىشلار ئەسلىمىلىرى> قاتارلىقلار بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
务本
wù běn