Uyghur←Chinese主要词典
ۋىتامىنلار
بىئولوگىيە
维生素
wéishēngsù
بەدەننىڭ مېتابولىزمى ۋە فۇنكىسىيىسىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاشتا زۆرۈر بولغان بىر خىل ئىنتايىن مىكرو مىقدارلىق ئورگانىك بىرىكمە، ئورگانىزملار ئۆسۈملۈكلەر ئۆزلۈكىدىن سىنتېزلىيالايدۇ، ھايۋانلار ئوزۇقلۇقلاردىن ئالىدۇ. مەلۇم بولغان تەبىئىي ۋىتامىنلار 20 خىلغا يېتىدۇ. تەبىئىي ۋە سۈنئىي سىنتېزلانغان ۋىتامىنلار پۈتۈنلەي بەزى بىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىگە ئىگە بولىدۇ. ۋىتامىنلار ئۇلارنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى، ئېرىشچانلىققا ئاساسەن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ: ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار، مەسىلەن، A, D, E, K، سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار مەسىلەن، B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار بولۇپ، B1 (تىئامىن)، B2 (رىبوفلاۋىن)، B5 (نىكوتىنىك كىسلاتا،PP) B6 (پىرىدوكسال قاتارلىق) پانتو تىنىك كىسلاتا، بىئوتىن، يوپۇرماق كىسلاتاسى B12 (كوبالامىن)، پار ئامىنو بېنزوي كىسلاتاسى، ئىنوزىتول، خولىن ۋە ۋىتامىن C لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بەزى كوئېنزىملارنىڭ تەركىبىي قىسمىدرۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلاردا ۋىتامىن يېتىشمىگەندە مەخسۇس كېسەللىك يەنى ۋىتامىن يېتىشمەسلىك كېسىلى پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغانلىرى ئۆسمەيدۇ، يېتىلمەيدۇ. ئادەتتە ساپ ئايرىۋېلىنغىنى ياكى تەركىبىدە ۋىتامىنلار مول بولغان ئورگانىك سىنتېزلانغان ياسالمىلاردىن پايدىلىنىپ يېتىشمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.