Uyghur←Chinese主要词典
ۋىتامىن
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
wéi tā mìng ,wéi shēng sù
维他命,维生素
تېببىي
ۋىتامىن Bc
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىن PP
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىن E
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىن P
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىن L
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىن B
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىنC
维生素
wéi shēng sùDسودا
维生索
wéi shēng suǒ
ۋىتامىن M
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىن T
维生素
wéi shēng sù
维生素
wéi shēng sù
维生素
wéi shēng sù
维生素
wéi shēng sù
维生素
wéi shēng sù
维生素
wéi shēng sùDئۇنىۋېرسال
黄红帘石
huáng hóng lián shí
ۋىتامىن M
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىن BT
维生素
wéi shēng sùDئۇنىۋېرسال
ۋىتامىن B2
核黄素
hé huáng sùDتەنتەربىيە
ۋىتامىن C
抗坏血酸
kàng huài xuè suān
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىن G
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىنU
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىنA
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىن D
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىن B
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىنH
维生素
wéi shēng sù
ۋىتامىن K
维生素
wéi shēng sù
بىئولوگىيە
ۋىتامىن D
D维生素
Dwéishēngsù
<راخىت كېسىلىگە قارشى ۋىتامىن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياغدا ئېرىيدىغان، ستېرويىدلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرىكمە. مۇھىملىرى ۋىتامىن D2 ۋە D3 دىن ئىبارەت. ۋىتامىن D2 نىڭ <سۆڭەكلەشتۈرگۈچى ئىسپىرت> دەپمۇ نامى بار، ئۇ ئېرگوستېرولغا ئۇلترا بىنەپشە نۇر چۈشۈشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ۋىتامىن D3 ھايۋان تېرىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدىن ئاجرىلىپ چىققان 7 - دې گىدرو خولىستېرولىنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئارقىلىق ئاكتىپلىشىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بېلىق مېيى، تۇخۇم سېرىقىدا مىقدارى مول بولىدۇ. بەزى مايمونلاردا D3 نىڭ ئۈنۈمى D2 نىڭ ئۈنۈمىنىڭ 100 ~ 30 ھەسسىسىدەك بولىدۇ. ۋىتامىن D ئۈچەيدىكى كالتسىي، فوسفورلارنىڭ سىڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە. ئىسكىلىت، چىشلارنىڭ نورمال كالتسىيىلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ۋىتامىن D كەمچىل بولغاندا، كالتسىيلىق تۇزلارنىڭ سۆڭەكتە چۆكۈشى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن بالىلار راخىت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ، چوڭلار سۆڭەك يۇمشاق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ۋىتامىن D نىڭ خەلقئارا بىرلىكى (Iu)، يەنى 0.025μg ۋىتامىن D غا توغرا كېلىدۇ.
بىئولوگىيە
ۋىتامىن PP
PP维生素
PPwéishēngsù
يەنى <نىكوتىن كىسلاتاسى> پېللاگرا كېسىلىگە قارشى ۋىتامىن بولۇپ، جىگەر، بۆرەك، ئېچىتقۇ خاسىڭ، گۈرۈچ توپىنىنىڭ تەركىبىدە مول بولىدۇ. نىكوتىن كىسلاتاسىنىڭ تۇغۇندىسى نىكوتىنامىد بەدەندە NAD + (نىكوتىنامىد - ئادېنىن دى نۇكلېئوتىد بولۇپ، DPN ياكى Col دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە NADP + (نىكوتىن ئامىد ئادېنىن دى نۇكلېئوتىد فوسفات بولۇپ، TPN ياكى Ⅱ Co دەپمۇ ئاتىلىدۇ) لارنىڭ تەركىبى قىسمى، ئىككىسىلا دېگىدروگېنازىلارنىڭ كوئېنزىمى بولۇپ، ھىدروگېن يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. NAD + يەنە DNA تۇتاشتۇرغۇچى ئېنزىمنىڭ كوئېنزىمى بولۇپ، DNA نىڭ نۇسخىلىنىشىغا نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئادەم تېنىدە ۋىتامىن PP ترىپتوفاننىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئادەتتە يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەيدۇ.
بىئولوگىيە
ۋىتامىن E
E维生素
Ewéishēngsù
توكوفېرول دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۇرۇپپا بىرىكمە بولۇپ، ياغدا ئېرىيدۇ، ئۇلار جەمئىي سەككىز خىل بولۇپ، خىمىيۋى تۈزۈلۈشى، كونفورماتسىيىسى جەھەتتە بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. a - تىپلىقنىڭ ئاكتىپلىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، تۈزۈلۈشى جەھەتتىكى پەرقى ھەممىسىنىڭلا بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىقىغا نىسبەتەن تەسىر قىلىدۇ. چاشقاندىن پايدىلىنىپ تەكشۈرگەندە α تىپلىقىنىڭ ئاكتىپلىقى 100، β، γ ۋە δ لارنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 40، 8 ۋە 1 بولغان. توكوفېرول تەبىئەتتە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئارپا تۆرەلمە مېيىنىڭ تەركىبىدە مىقدارى مول بولىدۇ، بولۇپمۇ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ مېيىغا يىغىلغان. ئىسىقلىققا، كىسلاتا - ئىشقارلىققا نىسبەتەن تۇراقلىق بولىدۇ. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار. ئۇلترا بىنەپشە نۇرلار ۋە ئوكسىدلىغۇچىلار تەرىپىدىن ئاسان بۇزۇلىدۇ. ۋىتامىن E كەمچىل بولغاندا، مۇسكۇللار يىگىلەپ (قورۇلۇپ) كېتىش، يېتىلمەسلىك، بويىدىن ئاجراش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. ئارپا تۆرەلمە مېيى قاتارلىق ياسالمىلار ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان بويىدىن ئاجراش، تەرەققىي قىلىشچان مۇسكۇللار ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىشىشى، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بىئولوگىيە
ۋىتامىن C
C维生素
Cwéishēngsù
<قان بۇزۇلۇشقا قارشى ۋىتامىن> دەپمۇ ئاتىلىدىغان سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن بولۇپ، تەركىبىدە ئالتە دانە كاربون ئاتومى بولغان كىسلاتالىق كۆپ گىدروكسىللىق بىرىكمە. گەرچە ئۇنىڭدا ئەركىن كاربوكسىل رادىكالى بولمىسىمۇ، لېكىن C - 2 ۋە C - 3 ئورۇنلىرىدىكى ئىككى دانە ئىنوللۇق گىدروكسىل رادىكالى ئىنتايىن ئاسان دىسسوتسىئاتسىيىلىنىپ H + نى قويۇپ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن يەنىلا ئورگانىك كىسلاتالىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. كۈچلۈك ئوكسىدسىزلىغۇچى بولۇپ، يەنە قان بۇزلۇش كېسىلىگە قارشى تۇرۇش فۇنكىسىيىسىگە ئىگە بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بەدەندە ئۇ قايتما ھالدا ئوكسىدلىنىدۇ ۋە ئوكسىدسىزلىنىدۇ. گىدروكسىللىغۇچى ئېنزىمنىڭ ياردەمچى فاكتورى بولىدۇ. L - قان بۇزۇلۇشقا قارشى كىسلاتا قان بۇزۇلۇشقا قارشى كىسلاتا ئېنزىم مولېكۇلىسىدىكى SH - نى ئوكسىدسىزلانغان ھالەتتە ساقلايدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن ئېنزىم بەلگىلىك ئاكتىپلىقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. ئۇ يەنە قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ئوكسىدلىنىش - ئوكسىدسىزلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ سىنتېزلىنىشىغا قاتنىشىدۇ. نېرۋا تەڭشىگۈچى فاكتور كاتېخولامىن ۋە 5 - گىدروكسى ترىپتامىننىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
بىئولوگىيە
ۋىتامىن B6
B6维生素
B6wéishēngsù
پىرىدوكسىن (a)، پىرىدوكسال (b) ۋە پىرىدوكسامىن (c) ۋە ئۇلارنىڭ فوسفات كىسلاتا ئېستېرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. ھايۋان، ئېچىتقۇلاردا ئۈچىسىنىڭ ئاكتىپلىقى ئوخشاش، لېكىن باكتېرىيىلەردە (a) غا قارىغاندا(b)، (c) نىڭ ئاكتىپلىقى بىر قانچە مىڭ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلارنىڭ بىرى بولۇپ، كىسلاتادا تۇراقلىق بولىدۇ، ئىشقارلىق ۋە نېيترال شارائىتتا يورۇقلۇقنىڭ تەسىرىدە ناھايىتى تېز بۇزۇلىدۇ. بەدەندە كاربوكسىلسىزلىغۇچى ۋە ئامىن رادىكالىنى يۆتكىگۈچى ئېنزىملارنىڭ كوئېنزىمى سۈپىتىدە ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ مېتابولىزمىغا قاتنىشىدۇ. ئامىن رادىكالىنى يۆتكەش رېئاكسىيىسىدە فوسفور پىرىدوكسال ئامىن رادىكالىنى يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. (تەپسىلاتىنى <ئامىن رادېكالىنى يۆتكىگۈچى ئېنزىم> دىن كۆرۈك). ۋىتامىن B6 يەنە كاربوكسىلسىزلىنىش رېئاكسىيىلىرىگە قاتنىشىدۇ. مەسىلەن، گىستىدىن كاربوكسىلسىزلىنىپ گىستامىنغا ئايلىنىدۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان مۇھىم ماددىلار ھاسىل بولىدۇ، مەسىلەن، نېرۋىدىكى يەتكۈزگۈچى ماددا دوپامىن، γ - ئامىنو بۇتىرىك كىسلاتا، S - ئامىنو - γ - كېتو ۋالىرىك كىسلاتا قاتارلىقلار. ۋىتامىن B6 يېتىشمىگەندە قۇسۇش، مەركىزىي نېرۋىلىرى قوزغىلىپ تارتىشىپ قېلىش، كىچىك قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىدىكى پىگمېنت تۆۋەنلەپ كېتىش خاراكتېرلىك قان ئازلىق قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ. B6 قۇسۇش، تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىش كېسىلى، دانىلىك ھۈجەيرىلەر ئازىيىش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا دائىم ئىشلىتىلىدۇ. ۋىتامىن B6 بۇغداي تۆرەلمىسى گۈرۈچ توپىنى، سويا پۇرچاق، ئېچىتقۇ، تۇخۇم سېرىقى، جىگەر، بۆرەك، گۆش، بېلىقلارنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا بولىدۇ.
بىئولوگىيە
ۋىتامىن B2
B2维生素
B2wéishēngsù
<رىبوفلاۋىن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بۇغداي ئۈندۈرمىسى، سېرىق پۇرچاق، جىگەر، بۆرەك، يۈرەك، سۈت، ئېچىتقۇلارنىڭ تەركىبىدە كۆپرەك مىقداردا بولىدۇ. سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن بولۇپ، ئاپېلىسىن رەڭلىك كرىستاللىنىدۇ، سۇدىكى ئېرتمىسىدە سېرىق يالتىراق نۇرلۇق بولىدۇ. ئۇ رىبىتول بىلەن 6، 7 - دى مېتىل ئىزوئاللوكسازىننىڭ كوندېنساتسىيىلەنگەن بىرىكمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ فوسفات كىسلاتالىق تۇغۇندىسى مۇھىم ئوكسىدازىلارنىڭ ياردەمچى رادىكالى بولىدۇ. ئىزوئاللوكسازىن ھالقىسىنىڭ بىرىنچى ۋە تۆتىنچى ئورۇنلىرىدىكى ئازوت ئاتومى جانلىق قوش ياغ بىلەن بىرىككەنلىكتىن، قايتما ھالدا ھىدروگېن قوشۇۋالىدۇ. ھىدروگېنسىزلىنىدۇ، ئادەملەردە ۋىتامىن B2 يېتىشمىگەندە جاۋىغاي ياللۇغى، ئۇرۇقدان ياللۇغى بولىدۇ ۋە مۈڭگۈز پەردىدە قان تومۇرلار كۆپىيىپ خۇنۇكلىشىپ يارىلىنىدۇ، كۆز كۆيۈپ ئاغرىيدۇ ھەم كۆز ئېقى پەردىسىگە قان تولۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئۆي قۇشلىرىدا ۋىتامىن B2 يېتىشمىسە، تۇخۇم سېلىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. مېدىتسىنادا رىبوفلاۋىنلىق ياسالمىلار ۋىتامىن B2 يېتىشمەسلىك كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
بىئولوگىيە
ۋىتامىن B1
B1维生素
B1wéishēngsù
<بېرى - بېرى كېسىلىگە قارشى ۋىتامىن> دەپ، يەنە <تىئامىن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقنىڭ سىرتقى پوستى، ۋە تۆرەلمىسىدە، بۇغداي كېپىكى، گۈرۈچ توپىنى، ئېچىتقۇ، سېرىق پۇرچاق، ئورۇق گۆشلەردە بولىدۇ، كەرەپشى (چىڭسەي، پاقا يوپۇرماقلىرىنىڭ تەركىبىدىمۇ B1 مول بولىدۇ. سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن بولۇپ، مولېكۇلىسىنىڭ تەركىبىدە بىر پىرىمىدىن ھالقىسى ۋە بىر تىئازول ھالقىسى بولىدۇ، ئۇنىڭ پېرفوسفاتلىق ئېستېرى )TPP( بىر خىل كاربوكسىل كوئېنزىم بولۇپ، قەنتلەرنىڭ مېتابولىزمىدا α - كېتوكىسلاتالارنىڭ كاربوكسىلسىزلىنىشى ۋە بىۋاستە كاربوكسىلسىزلىنىشىغا قاتنىشىدۇ. ۋىتامىن B1 خولېن ئېستېرازىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تورمۇزلايدۇ، ئاتسېتىل خولىن نېرۋىنىڭ ئۆتكۈزۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ۋىتامىن B1 كەمچىل بولغاندا خولېن ئېستېرازىنىڭ ئاكتىپلىقى كۈچىيىپ، ئاتسېتىل خولېننىڭ گىدرولىزلىنىشى تېزلىشىش بىلەن نېرۋىنىڭ ئۆتكۈزۈشىگە تەسىر قىلىدۇ. يەنە TPP يېتىشمىگەنلىكتىن، پىرۇۋىك كىسلاتانىڭ ئوكسىدلىنىپ كاربوكسىلسىزلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، نېرۋا توقۇلمىسىدا بىرۇۋىك كىسلاتا، لاكتىك كىسلاتالىرى توپلىنىۋېرىدۇ - دە، كېسەلدە ئۇنۇتقاقلىق، ئەنسىزلىك، ئاسان ئاچچىقلىنىش، كۆپ پەيدا بولىدىغان نېرۋا ياللۇغى، تۆت ئەزاسى ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇللىرى ئاغرىشلار كۆرۈلىدۇ، مانا بۇ قۇرغاق بېرى - بېرى كېسىلىدۇر. بۇنى ۋىتامىن B1 لىك ياسالمىلار ياكى تەركىبىدە ۋىتامىن B1 مول بولغان كېپەك )ئاشلىق كېپىكى( بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ.
بىئولوگىيە
ۋىتامىن A
A维生素
Awéishēngsù
<كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىگە قارشى ۋىتامىن> دەپمۇ ئاتىلىدىغان بىر خىل ياغدا ئېرىگۈچى ۋىتامىن. ۋىتامىن A تويۇنمىغان بىر ئاساسلىق ئىسپىرت تۈرىدە بولۇپ، ئۇ A1 ۋە A2 دىن ئىبارەت ئىككى خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەلۇم بولغان 100 خىلدىن ئارتۇق β - كاروتىنغا ئوخشىتىپ كېتىدىغان كاروتىنسىمان مادا ۋىتامىن A نىڭ ئالدىنقى تەنچىسى بولۇپ، خىلمۇ خىل ئۆسۈملۈكلەردە مەۋجۇت بولىدۇ. ھايۋانلار تېنىدە كاروتىننى ۋىتامىن A غا ئايلاندۇۇرپ، جىگەردە ساقلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى جىگەردە ناھايىتى مول بولىدۇ. ئاكۇلا جىگەر مېيىنىڭ تەركىبىدە A1 نىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. تاتلىق سۇ بېلىقى جىگىرىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A2 بولىدۇ. ئۇ تۈزۈلۈشى جەھەتتە A1 بىلەن سەل - پەل ئوخشىمايدۇ. ۋىتامىن A قەنت ئاقسىلىنىڭ نورمال سىنتېزلىنىشىنى ساقلاشتا، سۇلفات كىسلاتا تۇزىنىڭ مۇكۇيتىننىڭ سىنتېزلىنىشىغا سىڭىشىدا زۆرۈر بولىدۇ. ئۇ ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ۋە سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشىدىكى تەڭشىگۈچى ئامىل، يەنى كۆرۈش تور پەردىسىدىكى يورۇقلۇق سەزگۈچى پىگمېنت )كۆرۈش بىنەپشە ماددىسى( نىڭ تەركىبىي قىسمى. ئۇ كەمچىل بولغاندا كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى، نامازشام قارىغۇسى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. كۆز، نەپەس يولى، ئۈچەي، سۈيدۈك ئاجرىتىش يوللىرى، جىنسىي يوللارنىڭ كېسەللىكىنىڭ يۇقۇشىغا قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. يەنە بىئو پەردە، ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسى، خوندىرىئوسوما، قىزىل قان دانىچىلىرى تۇراقلىقلىقىنى يوقىتىدۇ. ۋىتامىن A نىڭ خەلقئارا بىرلىكى 0.3μg ياكى 0.6μg كاروتىن قىلىپ بەلگىلەنگەن.
بىئولوگىيە
ۋىتامىن B12
B12维生素
B12wéishēngsù
يامان سۈپەتلىك قان ئازلىققا قارشى ۋىتامىن بولۇپ، <كوبالامىن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇ تەركىبىدە كوبالت بولغان بىر خىل مۇرەككەپ بىرىكمە B12 نىڭ مولېكۇلىلىق تۈزۈلۈشى تۆت دانە پىرىدوكس ھالقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە يۇقىرى دەرىجىدە ئالماشقان بولۇپ، ئالماشقان ئورنى ئوخشىمىغانلىقتىن، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى خىلمۇ خىل بولىدۇ. مەسىلەن، 5 1 - دې ئوكسى ئادېنوزىل كوبالامىن، سىئانوكوبالامىن، گىدروكسى كوبالامىن ۋە مېتىل كوبالامىنلار بولۇپ، ئۇلاردىن گىدروكسى كوبالامىننىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ. بەدەندىكى مەۋجۇت بولۇش شەكلى مۇھىم دې ئوكسى ئادېنوزىل كوبالامىن بولۇپ، خىلمۇ خىل مېتابولىزم رېئاكسىيىلىرىگە كوئېنزىم بولۇپ قاتنىشىدۇ، شۇ سەۋەبتىن <كوئېنزىم B12> )CoB12( دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېتىل كوبالامىن مېتىل رادىكالىنى توشۇيدۇ. ۋىتامىن B12 ئىزومېرازا، مېتىل پروپىئونىل كو A مۇتازا ۋە دى ئالدېگىد گىدرولازا قاتارلىقلارنىڭ كوئېنزىمى بولىدۇ. B12 يېتىشمىگەندە نۇكلېئىك كىسلاتا ۋە ئاقسىللارنىڭ ئارىلىق مېتابولىزمىغا تەسىر قىلىپ، يامان سۈپەتلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پروپئون كسىلاتاسىنى ئېچىتىپ ۋىتامىن B12 نى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇ يامان سۈپەتلىك قان ئازلىقنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، يەنە چوشقا، توخۇ قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ. ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدە B12 نىڭ مىقدارى مول بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئۈچىيىدىكى باكتېرىيىلەردە سىنتېزلىنىدۇ.
بىئولوگىيە
ۋىتامىن K
K维生素
Kwéishēngsù
<قان ئۇيۇتقۇچى ۋىتامىن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ياغدا ئېرىيدۇ. ئۇلار پۈتۈنلەي 2 - مېتىل 1، - 4 - نافتوكۇينىننىڭ تۇغۇندىلىرىدۇر. دائىم ئۇچرايدىغانلىرى K1M K2 ۋە K3 لەردىن ئەڭ مۇھىمى K3 بولۇپ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولىدۇ. K2 ئادەمنىڭ ئۈچىيىدىكى باكتېرىيىلەرنىڭ مېتابولىزمىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. ۋىتامىن K نى مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىسى شۇكى، جىگەر دەسلەپكى قان ئۇيۇتقۇچى ئېنزىم يەنى قان ئۇيۇتقۇچى فاكتورنىڭ سىنتېزلىنىشىنى تېزلىتىدۇ، ئۇ يەنە قان ئۇيۇتقۇچى فاكتور Ⅵ، Ⅸ، ۋەⅩ لەرنىڭ سىنتېزلىنىشىنى تەڭشەيدۇ. ۋىتامىن K كەمچىل بولغاندا بۇ بىر قانچە خىل قان ئۇيۇتقۇچى فاكتورلار قاندا ئازىيىپ كېتىپ، قاننىڭ ئۇيۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ، ھەمدە تېرە ئاستىدىكى مۇسكۇل ۋە ئاشقازان - ئۈچەي يوللىرى قانايدۇ. ۋىتامىن K ئېلېكترولىت سۈپىتىدە يۆتكىلىدۇ ۋە ئوكسىدلىنىش - فوسفاتلىشىش سىستېمىسىنىڭ كوئېنزىمى، نەپەس زەنجىرىنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ، سېرىق ئېنزىملار بىلەن ھۈجەيرە پىگمېنتنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېلېكترون يەتكۈزۈش ۋە ئوكسىدلىنىش - فوسفاتلىنىش جەريانىغا قاتنىشىدۇ. كەمچىل بولغاندا مۇسكۇلدىكى ATP ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپلىقى كۆرنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ۋىتامىن K ئۈچەيلەرنىڭ لۆمۈلدىشى ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش فۇنكىسىيىسىنى كۈچەيتىدۇ، جىگەردە قەنتلىك پوستلاق گورمونىنى داۋاملىق پارچىلايدۇ ۋىتامىن K ئۇزۇن مەزگىل ئوكۇل قىلىنسا، قالقان بېزىنىڭ ئچىكى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىدۇ.