Uyghur←Chinese主要词典
ۋىشىنىسكىي
دۇنيا تارىخى
维辛斯基
wéi xīn sī jī
(1883 - 1954). سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (1939 - 1944). ئودىسسادىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كيېۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1903 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، مېنشېۋىكلار تەرەپتە تۇرغان. 1920 - يىلدىن باشلاپ بولشېۋىك بولغان. 1925 - 1928 - يىللاردا موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1935 - 1939 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەپتىش باشلىقى بولغان. 1939 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىك) پارتىيىسىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيىد مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى (1940 - 1949)، مىنىستىرى (1949 - 1953)، بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرلىكىنى (1953 - 1954) ئۆتىگەن. مۇھىم خەلقئارا يىغىنلارغا كۆپ قېتىم قاتناشقان. <دۆلەت ۋە قانۇن نەزەرىيىسى ھەققىدىكى بىرقانچە مەسىلىلەر>، <خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا سىياسىتىدىكى بىرقانچە مەسىلىلەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.