Uyghur←Chinese主要词典
ۋېرسال
دۇنيادىكى شەھەرلەر
凡尔赛
fán ěr sài
فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم تارىخىي شەھەر، ئۇ فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدىن 18 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبقا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 94 مىڭدىن ئاشىدۇ. ۋېرسال تارىختا ئۇزۇن ۋاقىت پادىشاھلارنىڭ خان ئوردىسى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق ئورنى بولغان، ھازىر ئۇ پارىژنىڭ مۇھىم سودا مەركىزى، ئاتاقلىق ساياھەت رايونى، مۇھىم ھەربىي ئورۇن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۈيۈك تارىخى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا تونۇلغان شەھەر.