Uyghur←Chinese主要词典
ۋورمىس دىنىي يىغىنى
دۇنيا تارىخى
沃尔姆斯宗教会议
wò ěr mǔ sī zōng jiào huì yì
1076 - يىلى 1 - ئايدا مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى ھېنرىخ Ⅳ ۋورمىس (ھازىرقى گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى ھېسېن تەۋەلىكىدە) شەھىرىدە چاقىرغان گېرمانىيە ئېپىسكوپلىرى يىغىنى. 1075 - يىلى رىم پاپاسى گرىگورىي Ⅶ ئومۇمىي يارلىق چىقىرىپ، دەھرىي كورۇللارنىڭ ئېپىسكوپلارنى ئىشقا قويۇش ھوقۇقىنى چەكلەپ، ھېنرىخ Ⅵ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. ئىككىنچى يىلى، ھېنرىخ بۇ يىغىننى چاقىرغان، يىغىنغا جەمئىي 26 نەپەر ئېپىسكوپ قاتناشقان، يىغىن گرىگورىي Ⅶ نى پاپالىقتىن ئېلىپ تاشلاشنى جاكارلىغان. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى بىلەن پاپا ئوتتۇرىسىدىكى ئېپىسكوپلارنى ئىشقا قويۇش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن.