Uyghur主要词典
ۋولف
دۇنيا تارىخى
(1809 - 1864) گېرمانىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى. سىياسىي ئوبزورچى. ماركس، ئېنگېلسنىڭ يېقىن سەپدىشى. يانچى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1829 - يىلى برېسلاۋ ئونىۋېرسىتېتىدا تىلشۇناسلىقنى بېرىلىپ ئۆگەنگەن. 1834 - يىلى ستۇدىنتلار جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە پائال قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. 1839 - يىلى كەچۈرۈم قىلىنىپ تۈرمىدىن چىققان. 1844 - يىلى ماقالە يېزىپ سىتلسىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىنى مەدھىيلەپ، پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان. 1846 - يىلى باھاردا بىريۇسسېل شەھىرىگە كېلىپ، ماركس، ئېنگېلس بىلەن ئۇچراشقان، ئۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلمىي سوتسىيالىزم يولىغا مېڭىپ، بىريۇسسېل كوممۇنىستىك ئاخبارات كومىتېتىغا قاتناشقان ھەمدە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىگە پائال قاتناشقان. 1848 - يىلى 3 - ئايدىن تارتىپ، مەزكۇر ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان. 6 - ئايدا <يېڭى رېين گېزىتى> نىڭ تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1848 - 1849 - يىللىرى گېرمانىيىدە ئىنقىلابىي پائاىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1849 - يىلى 5 - ئايدا فرانكفورت مىللىي پارلامېنتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيە، ئەنگلىيىدە مۇساپىر بولۇپ تۇرغان. 1853 - يىلى مانچېستېردا مۇئەللىم بولغان. ھاياتىنىڭ كېيىنكى مەزگىلدە ھال - ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن يىغىپ قويغان پۇلىنى ماركسقا ئەۋەتىپ بېرىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ئىشلىرىنى قوللىغان. ماركس ئۇنى پرولېتارىياتنىڭ <قەيسەر، سادىق، ئالىيجاناپ ئاۋانگارت جەڭچىسى> دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆلمەس گىنئال ئەسىرى <كاپىتال> نى ئۇنىغا بېغىشلىغان.