Uyghur主要词典
ۋودورود بومبىسى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ھەربىي
يادرو قوراللىرىنىڭ بىر خىلى. ھىدروگېننىڭ ئىزوتوپلىرى بولغان دېيتېرىي بىلەن ترىتىي ماتېرىيال قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئالاھىدە ياسالغان ئاتوم بومبىسى پارتلىتىش قۇرۇلمىسى قىلىنىدۇ. ئاتوم بومبىسى پارتلىغاندا، ھاسىل بولغان يۇقىرى ھارارەت دېيتېرىي بىلەن ترىتىينى پولىمېرلىنىش رېئاكسىيىسىگە كىرىشتۈرۈپ ۋە گېلى نۇكلونىنى ھاسىل قىلىپ، شىددەتلىك پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋودورد بومبىسىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ئاتوم بومبىسىنىڭكىدىن كۆپ زور بولىدۇ.