Uyghur←Chinese主要词典
ۋىنوگرادوۋ
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
维诺格拉多夫
wéi nuò gé lā duō fū
دۇنيا تارىخى
维诺格拉多夫
wéi nuò gé lā duō fū
(1854 - 1925)، روسىيىلىك تارىخشۇناس. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، 1884 - يىلىدىن باشلاپ بۇ مەكتەپنىڭ پروفېسسورى بولغان ۋە ئاسپېرانتلار سىنىپىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ساۋىن قاتارلىق بىر تۈركۈم روسىيە تارىخشۇناسلىرىنى يېتىشتۈرگەن. كېيىن مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلداررى بىلەن ئارازلىشىپ قېلىپ، 1902 - يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئەنگلىيىگە كەتكەن. 1903 - يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا تەيىنلەنگەن ۋە ئوتتۇرا ئەسىر جەمئىيىتى تارىخىدىن دەرس بەرگەن ۋە ئاسپېرانتلار سىنىپىغا مەسئۇل بولغان. 1908 ـ يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېڭىۋاشتىن قايتىپ بېرىپ دەرس ئۆتكەن ھەمدە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتۈشنىمۇ داۋاملاشتۇرغان. 1914 - يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئەنگلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىپ، يەنىلا ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە كۆپلىگەن تارىخ ھۆججەتلەر مەجمۇئەلىرىنىڭ قورۇق تۈزۈمى ۋە يانچىلىق تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقارغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ئوتتۇرا ئەسىر ئەنگلىيىدىكى يانچىلار>، <Ⅺ ئەسىردىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتى>، <ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر قورۇقلىرى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.