Uyghur←Chinese主要词典
ۋېنگرىيە مىللىي مۇستەقىللىك سېپى
领域: دۇنيا تارىخى匈牙利民族独立阵线
xiōng yá lì mín zú dú lì zhèn xiàn
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ۋېنگرىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى فاشىزمغا قارشى بىرلىك سەپ. 1944 - يىلى 12 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئەسلىدىكى <ۋېنگرىيە سېپى> نى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ئارقىلىق قۇرۇلغان. ۋېنگرىيە كومپارتىيىسى، ئۇششاق دېھقانلار پارتىيىسى، بۇرژۇئا دېموكراتلار پارتىيىسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشملىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئازاد قىلىنغان قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، فاشىست گېرمانىيىسىگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان شۇنداقلا يەر ئىسلاھاتى، چوڭ يەر مۈلۈكچىلىكىنى يوقىتىش، قول سانائەت ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش، دۆلەت تۇرمۇشىنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. 12 ـ ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئازاد بولغان دېبرېسېندا ۋاقىتلىق مىللىي پارلامېنت چاقىرىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ھەمدە فاشىست گېرمانىيىسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 1945 - يىل 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. پۈتۈن ۋېنگرىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن، 1946 - يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى پادىشاھلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى جاكارلىغان. 1949 - يىلى، ۋېنگرىيە ئەمگەكچى خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە <خەلق مۇستەقىللىك سېپى> گە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。