Uyghur←Chinese主要词典
ۋېنا ئىتتىپاقى شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخى维也纳同盟条约
wéi yě nà tóng méng tiáo yuē
(1) روسىيە، ئاۋسترىيە ۋە ۋېنېتسىيىلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن تاتارلارغا قارشى ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1697 - يىل 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ۋېنادا ئىمزالانغان، مۇددىتى ئۈچ يىل. ئۇنىڭدا شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرىنى ماسلاشتۇرۇشى، ھەربىي پىلانىدىن بىر - بىرىنى خەۋەردار قىلىشى ھەمدە ئۆز ئالدىغا سۈلھ قىلماسلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى روسىيىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن. (2) قىرىم ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترىيىلەرنىڭ روسىيىگە قارشى 1854 - يىل 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ۋېنادا ئىمزالىغان شەرتنامىسى. ئاۋسترىيە دۇناي دەريا ۋادىسىدىكى ئىككى كىنەزلىككە چىشىنى بىلەپ تۇرغانلىقى ۋە ناپولېئون Ⅲ نىڭ ئىتالىيىگە چاڭ سېلىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى بىتەرەپلىك مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، روسىيىگە قارشى تۇرغان. شەرتنامىدە ئاۋسترىيىنىڭ مولدوۋا ۋە ۋالاخىيە كىنەزلىكلىرىنى قوغداشقا مەسئۇل بولۇشى، شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ روسىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ قىلماسلىقى، ئاۋسترىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن چاغدا، ئۈچ دۆلەتنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھۇجۇم - مۇداپىئە ئىتتىپاقى قۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. شەرتنامىگە قوشۇمچە قىلىنغان ئالاھىدە ماددىلار يەنە پرۇسسىيىنىڭ بۇ شەرتنامىگە قاتنىشىشىنى مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە روسىيىگە قاراتقان دىپلوماتىك بېسىمنى كۈچەيتكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。