Uyghur←Chinese主要词典
ۋېنا يىغىنى
دۇنيا تارىخى
维也纳会议
wéi yě nà huì yì
ناپولېئون ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن ئېچىلغان خەلقئارا يىغىن. 1814 - يىلى 10 - ئايدىن 1815 - يىلى 6 - ئايغىچە ۋېنادا ئېچىلغان. يىغىنغا ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن 216 نەپەر ۋەكىل قاتناشقان. يىغىننى ئەنگلىيە، روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، پولشا ۋە ساكسونىيە مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارغان، فرانسىيە ۋەكىلى تاللېيراند ئۆز دۆلىتىنىڭ پايدىسىنى كۆزلەپ، زىددىيەتلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان، 1815 - يىل 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترىيىلەر روسىيە بىلەن پرۇسسىيىگە قارشى <ۋېنا شەرتنامىسى> نى مەخپىي ئىمزالىغان. ناپولېئون 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى فرانسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، يىغىن بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان. 1815 - يىلى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئومۇمىي كېلىشىم ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىمدا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپانى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋېلىش قارا نىيىتى ئىپادىلىنىپ، بېلگىيە بىلەن گوللاندىيىنى قوشۇپ نىدېرلاند پادىشاھلىقىنى قۇرۇش شۋېتسارىيە ۋە ساردىنىيە پادىشاھلىقىنى كۈچەيتىش بەلگىلەنگەن؛ روسىيە پولشا پادىشاھلىقىغا ئىگە بولغان، پرۇسسىيە ساكسونىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ۋە پوزناننى ئىگىلىگەن؛ مالتا ئارىلى ئەنگلىيىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا ئۆتكەن، ئاۋسترىيە ئۆزىنىڭ ئىتالىيىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق كىنەزلىكلەرنى يېڭىۋاشتىن كونترول قىلغان؛ گېرمانىيە ئىتتىپاقى 34 فېئودال پادىشاھلىق ۋە تۆت ئەركىن شەھەر (ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردىكى سانى تامامەن ئوخشاش ئەمەس) دىن تەركىب تېپىپ، گېرمانىيىنىڭ بۆلۈنۈش ھالىتى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنغان.