Uyghur←Chinese主要词典
ۋېنا فرانكا كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
维纳法郎加协定
wéi nà fǎ láng jiā xié dìng
فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيە 1859 - يىلى تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىكى ئىتالىيىنىڭ مىللىي بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدە، فرانسىيە 1859 - يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئەمما ئىتالىيىنىڭ مىللىي بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىۋاتقان شارائىتتا، فرانسىيە ئىتالىيە خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە خائىنلىق قىلىپ، شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ۋېنا فرانكىدا ئاۋسترىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. كېلىشىمدە ئاۋسترىيىنىڭ لومباردىيىنى فرانسىيىگە كېسىپ بېرىدىغانلىقى، ئاندىن كېيىن فرانسىيىنىڭ ئۇنى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا <ھەدىيە> قىلىدىغانلىقى؛ ۋېنېتسىيىنىڭ يەنىلا ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولىدىغانلىقى؛ خەلق ئىنقىلابىي تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان توسكانا، پارما، مودېنا، روماننا قاتارلىق دۆلەتلەر پادىشاھلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئىتالىيىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى يېڭىۋاشتىن ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ كېلىشىم ئىتالىيىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان.