Uyghur←Chinese主要词典
ۋىللىخ
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
维利希
wéi lì xī
دۇنيا تارىخى
维利希
wéi lì xī
(1810 - 1878)، كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، ۋىللىخ - شاپپېر گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى. ئەسىلىدە پرۇسسىيىنىڭ ئوفىتسېرى بولۇپ، فېئودال مۇستەبىتىلىك تۈزۈمگە نارازى بولغانلىقتىن، ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن. 1847 - يىلى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1849 - يىلى 5 - ئايدا ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش كۈرىشىگە قاتنىشىپ، بادېن - پفالتس قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ يىڭجاڭى بولغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيە ۋە ئەنگلىيىدە سەرگەردان بولۇپ تۇرغان. 1850 - يىلى 9 - ئايدا، شاپپېر بىلەن بىرلىشىپ مەزھەپ گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرغان، ماركسنى قارىلاپ ۋە ھۇجۇم قىلىپ، ئىنقىلابنى ھېچقانداق شەرت - شارائىتقا قارىماي داۋاملىق قوزغاشنى تەشەببۇس قىلىپ، كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان. 1852 - يىلى كيولىندا كوممۇنىستلارنى سوتلىغان چاغدا، <پادىشاھ جەمەتىنىڭ گۇۋاھچىسى> سالاھىيىتى بىلەن پرۇسسىيە ساقچى دائىرىلىرىگە خۇشامەت قىلغان. 1853 - يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، سەرگەردان بولۇپ ياشىغان. 1862 - يىلى شىمال پىدائىيلار قوشۇنى قاتارىدا ئامېرىكىنىڭ جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن گېنېراللىققا كۆتۈرۈلگەن.