Uyghur主要词典
ۋىلايەت بېگى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىدىكى تايكا يېڭىلىقىدىن كېيىنكى ۋىلايەتنڭ ئاساسىي ئەمەلدارى. ۋىلايەت بەگلىك بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك يەرلىك مەمۇرىي رايون. بۇ ئەمەلگە كۆپىنچە يەرلىك زومىگەرلەر قويۇلغان، ۋارىسلىق تۈزۈمى قوللىنىلغان. <داباۋ قانۇنى> بويىچە چوڭ بەگ، كىچىك بەگ، مەمۇرىي باشقۇرغۇچى، ھېسابات باشقۇرغۇچى دېگەن تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن، ئۇلاردا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى، نەزىر - چىراق ھوقۇقى، دېھقانچىلىققا رىغبەتلەندۈرۈش ھوقۇقى قاتارلىقلار بولغان. ئۇلارنىڭ بالىلىرى بەگلىك مەكتىپىگە كىرەلىگەن، مۇناسىپ ئەمەلدارلىق يېرىگە ئىگە بولغان. ئۇ ئەمىر - پەرمانلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسى. پىڭئەننىڭ ئوتتۇرا دەۋرلىرىدىن كېيىن، قورۇق تۈزۈمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا، ئومۇمەن ۋىلايەت بېگى ئىسمى بار، جىسمى يوق بولۇپ قالغان، بەزىلىرى پۇقرالار بىلەن بىرلىشىپ دۆلەت بېگىگە قارشى تۇرۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى قورۇق ئەمەلدارلىرى ۋە سامورايلار بولۇپ قالغان.