Uyghur←Chinese主要词典
ۋيېتنامنىڭ قىسقىچە تارىخى
领域: دۇنيا تارىخى越史略
yuè shǐ luè
<بۈيۈك ۋيېتنامنىڭ قىسقىچە تارىخى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋيېتنامنىڭ ئەڭ قەدىمكى يىلنامە شەكلىدىكى تارىخ كىتابى. خەنزۇچە يېزىلغان. ئاپتورى ئېنىق ئەمەس، تەخمىنەن چېن سۇلالىسى (1225 - 1400) دەۋرىدىكىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان. جەمئىي ئۈچ توم. بىرىنچى تومى رىۋايەتلەر دەۋرىدىن باشلىنىپ، ئالدىنقى لى سۇلالىسى مۇنقەرز بولغانغا قەدەر تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ ئىككىنچى، ئۈچىنچى توملىرىدا رۇەن سۇلالىسى (يەنى لى سۇلالىسى) دىكى تارىخىي ئىشلار ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئاخىرىغا چېن سۇلالىسىنىڭ يىلنامىسى قوشۇمچە قىلىنغان. ۋيېتنامنىڭ ئۆزىدە يوقىلىپ كەتكەن، جۇڭگوغا تارقالغان بولۇپ، <تۆت يۈرۈش كىتابلار> غا كىرگۈزۈلگەن. ۋيېتنامنىڭ قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。