Uyghur←Chinese主要词典
ۋېيتېلىڭ
دۇنيا تارىخى
魏特林
wèi tè lín
(1808 - 1871) گېرمانىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى، خىيالىي كوممۇنىزمچى. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە تۇرمۇشى نامرات ئۆتكەن، ماشىنىچى بولغان. 1830 - يىلى ساكسونىيىدە لېيپسىگ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1834 - يىلى ۋېناغا بېرىپ، ئىجتىمائىي مەسىلىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. 1835 - يىلى پارىژدا سەرگەردان بولۇپ، سەرگەردانلر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. بۇ تەشكىلات ئۇزۇن ئۆتمەي بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1838 - يىلى، <رېئال ئىنسانلار بىلەن غايىۋى ئىنسانلار> دېگەن تۇنجى ئەسەرنى ئېلان قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ نامرات بولۇشىنىڭ يىلتىزى <ئەمگەك ۋە ئەمگەك ياراتقان بايلىق تەقسىماتىنىڭ تەڭسىزلىكى> دىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتكەن. 1842 - يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇ، جەنۋەدە <ئىناقلىق بىلەن ئەركىنلىكنىڭ كاپالىتى> دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلىپ، خىيالىي كوممۇنىزم پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوممۇنىزم تۈزۈمى شارائىتىدا پۈتكۈل جەمئىيەتنى <ئىناقلىق ۋە ئەركىنلىك> كە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان ھەمدە كونا جەمئىيەتنى زورلۇق ئىنقىلابى ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان.بىراق بۇ ۋەزىپىنى ئاز سانلىق ئىنقىلابچىلارنىڭ مەخپىي پىلانى ۋە كەمبەغەللەرنىڭ ستېخىيىلىك قوزغىلىڭىلا ئورۇندىيالايدۇ، دەپ ھېسابلىغان. 1843 - يىل 5 - ئايدا، <نامرات گۇناھكارلارنىڭ ئىنجىلى> دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغاندا سىيۇرىخ تەپتىش نازارىتى تەرىپىدىن خۇداغا تىل تەگكۈزگەن دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنغان. 1844 - يىل 5 - ئايدا، پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قويۇپ بېرىلگەن. 1846 - يىلى، بىريۇسسېلدا كوممۇنىستىك ئالاقە كومىتېتىغا قاتناشقان. ئۇزۇن ئۆتمەي <ھەقىقىي سوتسىيالىزم> نى تەنقىد قىلىشقا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ماركس، ئېنگېلس بىلەن ئاشكارا ئادا - جۇدا بولغان. 1846 - يىلى 12 - ئايدا نيۇ - يوركقا بېرىپ <خەلق مۇنبىرى> گېزىتىنىڭ تەھرىرى بولغان. 1848 - يىلى ياۋروپا ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن گېرمانىيىگە قايتىپ بېرىپ ئىنقىلابقا قاتناشقان. ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىغا بېرىپ، كوممۇنىستىك كوممۇنا قۇرۇپ، نەتىجە چىقىرالمىغان. 1855 - يىلى ئىشچىلار ھەرىكىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەن.