Uyghur←Chinese主要词典
ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
魏玛共和国
wèi mǎ gòng hé guó
يەنى گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى. <ۋېيمار ئاساسىي قانۇنى> نى قوللانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىدا خوخېنتىسوللىرن خاندانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن بۇرژۇئازىيە ۋە يۇنكېرلار ئوڭچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىدىن پايدىلىنىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، جۇمھۇرىيەتنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 1919 - يىلى 2 - ئايدا ۋېيماردا مىللىي يىغىن چاقىرىپ، ئاساسىي قانۇن تۈزگەن، ئوڭچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئېبېرتنى زۇڭتۇڭ قىلىپ سايلىغان. 1925 - يىلى ئېبېرت ئۆلگەندىن كېيىن، مىلىتارىستلاردىن ھىندېنبۇرگ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1933 - يىلى 1 - ئايدا ھىندېنبۇرگ گىتلېرنى زۇڭلىلىققا تەيىنلىگەن، شۇ يىلى 3 - ئايدا گىتلېر فاشىستىك تېررورلۇق ۋاسىتە بىلەن <ھوقۇق بېرىش قانۇنى> نى زورمۇزور ماقۇللىتىپ، <ۋېيمار ئاساسىي قانۇنى> ئىجرا قىلىنىشتىن توختىتىلىپ، جۇمھۇرىيەتكە خاتىمە بېرىلگەن.