Uyghur←Chinese主要词典
ۋېيگاند مۇداپىئە لىنىيىسى
领域: دۇنيا تارىخى魏刚防线
wèi gāng fáng xiàn
9401 - يىلى 5 -، 6 - ئايلاردا ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ۋېيگاندنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، سۇنم دەرياسى بىلەن ئېنا دەرياسى رايونىدا ياسالغان مۇداپىئە لىنىيىسى. 1940 - يىلى 6 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى دېنگېركتىن چېكىنگەندىن كېيىن گېرمانىيە ئارمىيىسى پۈتكۈل فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە ئەسكەر چىقىرىپ پارىژغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. فرانسىيە ھايات - ماماتلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ۋېيگاند سۇنم دەرياسى رايونىنى قەتئىي قوغداش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، سۇنم دەرياسى بىلەن ئېنا دەرياسىنىڭ خەتەرلىك يېرىدىن پايدىلىنىپ، ھەربىي مۇداپىئە لىنىيىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى توسۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان. بۇ مۇداپىئە لىنىيىسىنىڭ كەڭلىكى 15 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنى 10، 7، 6 - جىتۇەنجۈندىن تەشكىل قىلىنغان 3 - جىتۇەنجۈن تۈركۈمىدىكى جەمئىي 49 دىۋىزىيە مۇھاپىزەت قىلغان. 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى <فرانسىيە ئۇرۇشى> نى قوزغىغان. بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا ۋېيگاندنىڭ ئالدىراپ - تېنەپ قۇرغان مۇداپىئە لىنىيىسىنى بىتچىت قىلغان. غەربىي ۋە شەرقىي جەنۇبى تەرەپتىن پارىژنى قورشىۋالغان. 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلمايلا پارىژنى ئىشغال قىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。