Uyghur主要词典
ۋېگېتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسى
领域: بىئولوگىيەئەتراپ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. ئۇ باشقۇرىدىغان ئايلىنىش، نەپەسلىنىش، ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش خىزمەت پائالىيەتلىرى ئۆسۈملۈكلەردىمۇ مەۋجۇت بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئىچكى ئورگانلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلىرىنى باشقۇرىدىغان بىر گۇرۇپپا نېرۋا تۈزۈلۈشىدىن ئىبارەت. يۈرەك سوقۇشىنىڭ تېز - ئاستا بولۇشى، ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە بەزلەرنىڭ ئاجرىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ نېرۋا سىستېمىسىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ سىستېما ئىرادىنىڭ - ئاڭنىڭ كونترول قىلىشىغا ئۇچرىمايدىغانلىقى ئۈچۈن <مۇستەقىل نېرۋا سىستېمىسى> دەپ ئاتالغان. لېكىن ئۇنىڭ رولى يەنىلا چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ تەڭشىشى ۋە كونترول قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ۋېگېتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسى يەنە ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، يەنى سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى. بۇ ئىككىسى ئادەتتە بىر ئورگانغا بىللە تارقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رولى ئۆز - ئارا بىر - بىرىدىن قېلىشمايدۇ. ئۆز - ئارا زىت بولىدۇ. مەسىلەن، سىمپاتىك نېرۋىلار ئاشقازان ئۈچەيلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تومۇزلايدۇ، پاراسىمپاتىك نېرۋىلار بولسا، بۇنداق ھەرىكەتنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ئىككى خىل قارىمۇ - قارشى رول بىر - بىرىنى ئىستىنا قىلىپ ۋە بىر - بىرىگە باغلىنىپ ئورگانلارنىڭ نورمال پائالىيىتىنى بىللە ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىلەرنىڭ نىسپىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。